rabiye-yaponiye-yighin-soz.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 20-ئىيۇن، توكيو.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئالدىنقى كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن، بۇ يىلقى تۇنجى قانلىق ۋەقە – «12-يانۋار يېڭىشەھەر ۋەقەسى» ھەققىدە بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقەدە پالتا ۋە پارتلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 6 كىشى ئېتىۋېتىلگەن ئىدى. رابىيە خانىم سۆزىدە، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى شىددەت يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ قارشىلاشقۇچىلارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ۋە سوتلاشنىڭ ئورنىغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى دۆلەت تېررورلۇقى دەپ ئەيىبلىدى. رابىيە خانىم يەنە، بەزى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە قانلىق باستۇرۇشنى غەلىبىلىك بىر تەرەپ قىلىش دەپ ئاتىشىنى رايون ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىش دەپ ئەيىبلىدى.

سوئال: ئالدىنقى كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەردە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى ۋە بەزى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنىڭ غەلىبىلىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا قارىتا سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز؟
جاۋاب: يادرو قوراللىرىغا ساھىب بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى پۇقرا دەپ تونۇغان ۋە قولىدا پالتا قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بولغان قارشىلاشقۇچىلارنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئېتىپ تاشلىشى ۋە بۇنى غەلىبە دەپ ئاتىشى قانۇنىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا جىنايەت، ئەخلاقىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا نامەردلىك. ئەگەر خىتاي زامانغا خاس قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولغان بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن، سوتلاپ، ئۇلارنىڭ مەقسەت -مۇددىئالىرىنى ئاڭلىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن قىلمىشىغا قاراپ ھۆكۈم چىقارغان بولاتتى. ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىدە زامانىۋى بىر ئاڭ بولغان بولسا، ئۆز پۇقرالىرى بىلەن توقۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئېتىپ تاشلاشنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى رازىمەنلىك بىلەن ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتتە تىنچلىق بەرپا قىلىشنى غەلىبە دەپ تونۇغان بولاتتى. مەنچە خىتاي بۇ قېتىمقى قانلىق باستۇرۇشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋى ئاڭ ۋە مەدەنىيەتتىن يوقسۇن، زوراۋان ۋە قورقۇنچلۇق كۈچ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

سوئال: ۋەقە 12-يانۋار كۈنى، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى يۈز بەردى، سىزچە بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
جاۋاب: بۇ ۋەقە شۇنى تەكرار ئىسپاتلايدۇكى، بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلار خىتاي دېگەندەك ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ۋە بەلكىم ھەممىسى، دەل شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ۋە شەرقى تۈركىستاندا كەڭ -كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بېرىپ ئۆزلىرى گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ سىرتتا قويمىغان ۋەزىيەتتە بۇ ۋەقە يەنە يۈز بەردى. بۇ ۋەقەمۇ خۇددى بۇرۇنقىلارغا ئوخشاش خىتاي زوراۋانلىقىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنىڭ تەخىرسىزلىكىنىڭ نەتىجىسى. مەن بۇ 6 نەپەر پىدائىينىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت، خىتاينىڭ باستۇرۇشىنى بولسا، شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى دەپ قارايمەن.

سوئال: خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە ئېتىۋېتىلگەنلەرنىڭ يانلىرىدا پارتلاتقۇچ بارلىقى، ھۇجۇمغا ئاتلىنىشى ھامان ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇشنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى، بۇ ھەقتە پىكرىڭىز نېمە؟
جاۋاب: خەۋەر تەرەپسىز ئاخباراتنىڭ خەۋىرى ئەمەس، شۇڭا ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ بۇ تەپسىلاتىغا گۇمان بىلەن قارايمەن.، ئەگەر تەپسىلات راست بولغان تەقدىردىمۇ، ئەھۋال ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا پىكىر بايان قىلىش، نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىلگەن بولسا بۇ خىل شەكىلدىكى قارشىلىققا ئورۇن قالمىغان بولاتتى. بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى ھەقسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىدىنلا ئەمەس، راھەت نەپەس ئېلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم، شۇڭا مەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاساسەن، ۋەقەنى ياراتقۇچىلارنى بىھۇدە تۇتۇلۇپ كېتىش، ئۆمرىنى بىھۇدە تۈرمىدە ئۆتكۈزۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي بىر سۈپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار دەپ تەخمىن قىلىمەن.

سوئال: ۋەقەنىڭ بۇ خىل قانلىق بېسىقتۇرۇلۇشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەنتەنىلىك خەۋەرلەر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
جاۋاب: بۇ ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ ئىجرائاتلار، بۇ تۈر ئاخباراتلار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تراگېدىيەلەرگە تۈرتكە بولىدۇ. مەن بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ قانلىق ئىجرائات ۋە قۇتراتقۇچ باياناتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىمەن.