
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى جەم بولۇپ 2015-يىلنى كۈتۈۋالدى
31-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدا جەم بولۇپ 2015-يىلىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
بۇ قېتىملىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا شتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.
پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر سەنئىتى بويىچە مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلار كۆرسىتىلىپ، ئامېرىكىدا ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ياش ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك قەدىرىيەتلىرى ھېس قىلدۇرۇلدى.
كەلپىن ۋەقەسى ھەققىدە تورغا ئۇچۇر يوللىغان بىر ئۇيغۇر 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياشنى كەلپىندە ناھەق ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۈندىدارغا يوللىغانلىقى سەۋەبلىك 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كەلپىن خەلقىدىن باشقا ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان ۋە باشقا قوشنا ناھىيەلەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان.
رادىئومىزنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، ئۇچتۇرپاندا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياش بۇ ۋەقە ھەققىدە ئۈندىدارغا ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ناھەقچىلىككە يەنە سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى ئۇچتۇرپاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم.
3 ياشلىق ئابدۇللا تايلاند دوختۇرخانىسىدا 45 كۈن يالغۇز يېتىپ قازا قىلغان
3 ياشلىق ئابدۇللانىڭ تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن تايلاندتىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا قازا قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپ «باڭكوك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، 3 ياشلىق ئابدۇللا 10 ئايدىن بۇيان تايلاندتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقىنى بولمىغان شارائىتتا 45 كۈن يېتىپ، تەنھا ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇللانىڭ مېيىتى ھازىر تايلاندتىكى مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ جەسەت ساقلاش توڭلاتقۇسىدا تۇرماقتا ئىكەن.
رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى د ئۇ ق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم «ئامېرىكا ئاۋازى» ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتكە كېلىشكە ۋە ئۇنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.
رابىيە خانىم سۆزىدە 2014-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن قاباھەتلىك ۋە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن بىر يىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەھالەنكى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ قىيىن بولغان بۇ رېئاللىق ئىچىدىن ئويغىنىپ، قاباھەتلىك ئىمكانسىزلىقنى يېڭەلەيدىغانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا ھېچقاچان ئىشەنچكە ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 31-دېكابىر كۈنى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەم ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىگە يۆتكەلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر نۇر بەكرىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.
خىتاي كومپارتىيەسى نۇر بەكرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ «ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ھالبۇكى، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىدا قورچاق رەئىس بولغان 7 يىلدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىق ۋە تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنى 6 ئايغىچە يوقلاشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرغان
مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن ھوقۇق - ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قەرەللىك كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىشى جەمئىيەتتە قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان.
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قاماقتىكى ئىلھام توختى 12-دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.
تۈرمە دائىرىلىرى گۈزەلنۇر خانىمغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭدا يەنە تۈرمە سىرتىدىن ئىلھام توختىغا كىيىم-كېچەك ئەۋەتىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
گۈزەلنۇر خانىم تۈرمە دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.