
31-دېكابىر كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى فايرفاكس رايونىدا جەم بولۇپ 2015-يىلىنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.
يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا شتاتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بويىچە تەربىيە ئېلىپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى باشلىنىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.
رابىيە خانىم بۇ يىللىق يېڭى يىل پائالىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ 2005-يىلى خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 10-قېتىملىق يېڭى يىل پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئالدى بىلەن ئەنگلىيەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ ناخشىچىسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن باشلاندى.
پائالىيەت داۋامىدا ئەر-ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ ئىجراسىدىكى ئومۇمىخور – «بىزنىڭ ناخشىمىز» مىللىي چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى بىلەن ئورۇنلاندى.
ياش گىتار ماھىرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى لىرىك ناخشا-مۇزىكىلارمۇ پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان جامائەتچىلىككە گۈزەل كەيپىيات بېغىشلىدى.
پائالىيەت داۋامىدا يەنە كىچىك ئەزىمەت پىئانىنو بىلەن «ئەلىسگە تەقدىم» ناملىق مەشھۇر مۇزىكىنى ئورۇندىدى.
ئاخىرىدا ئالىم سېيىتوف ئامېرىكىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە تەسىرلىك بولغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە سۆزى قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.