abdukerim-abduweli-shiwetsiye-yighin.jpgشىۋېتسىيەدە ئىسلام بىرلىكى يىغىنىدا 24 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى. 2014-يىلى 26-دېكابىر، شىۋېتسىيە.

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى «رابىت ئەل ئىسلام» نىڭ ھەر يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ 34-نۆۋەتلىك يىغىنى 25-دېكابىر كۈنى سىتوكھولمنىڭ ئوسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 25-دېكابىردىن 27-دېكابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 34-نۆۋەتلىك يىغىنىغا، شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۇنيادا تونۇلغان ئىسلام ئالىملىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى ئوخشىمىغان تېمىدا لېكسىيە ۋە مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە، بۇ قېتىمقى يىغىن «مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى» دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلماقچى.

يىغىن كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئورۇنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تونۇشتۇرۇلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنىڭ شىۋېتچىسى، شەرقىي تۈركىستان ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان تەشۋىقات ۋارىقى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا، ئۇيغۇرچە-شىۋېتچە لۇغەت، 24يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان دىنىي زىيالىي ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەييارلىدى.

بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق.