
خىتاي مەتبۇئاتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىيېتنامغا قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 22 نەپەر دىنىي رادىكال ئۇنسۇرنى تۇتقانلىقىنى ۋە بۇلاردىن قارشىلىق كۆرسەتكەن بىرىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، شۇ كۈنكى تۇتقۇنلار ئارىسىدا 17 نەپەر ئايال ۋە بالىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا ئايال، بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى؛ ئۇ يەنە خىتاينىڭ دېلونى تەكشۈرمەي تۇرۇپلا تۇتقۇنلارغا دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلار دەپ قالپاق كىيدۈرۈشىنى تەنقىد قىلدى. رابىيە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولغان بۇ پاجىئەلىك ۋەقەنى دۇنياغا يەنە بۇرمىلاپ ۋە پەردازلاپ مەلۇم قىلماقتا.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى گۇاڭشىنىڭ سۇڭزو شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى ياڭ فامىلىلىك بىر ئادەم ئەتكەسچىسىنىڭ ئاتالمىش دىنىي رادىكاللار گۇرۇھىنى ۋىيېتنامغا يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان. نەتىجىدە سۇڭزو شەھەرلىك رازۋېدكا ئەترىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەترىتى، چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى قاتارلىق 4 ئەترەت ھەرىكەتكە ئۆتۈپ كەچ سائەت 10 مەزگىللىرىدە ئىككى ئاپتوموبىلدا كېتىۋاتقان مەزكۇر گۇرۇپپىنى قورشاۋغا ئالغان. ساقچى تەرەپ تۇتقۇنلارنىڭ قوللىرىغا كويزا سېلىۋاتقاندا، تۇتقۇنلاردىن بىر نەپىرى ساقچى لياۋ شۈەنكەيگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان؛ پىچاق لياۋ شۈەنكەينىڭ كۆكسىگە ئۇرۇلغان، ئەمما لياۋ شۈەنكەينىڭ كۆكسىدە مۇداپىئە قالقىنى بولغاچقا، 3 قېتىم ئۇرۇلغان پىچاق لياۋ شۈەنكەيگە زەخمە يەتكۈزەلمىگەن. ئارقىدىن تۇتقۇن ھۇجۇمچى پىچاقنى لياۋ شۈەنكەينىڭ بويۇن ۋە يانپاش قىسمىغا قارىتىپ ھۇجۇم قىلغان، بۇ چاغدا ئۇ، باشقا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھازىرغا قەدەر ۋەقەنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسمىنىلا ئاشكارىلىغان ھەمدە تۇتقۇنلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ئەمما مەزكۇر تەۋەلىكتە يېقىنقى يىللاردىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر زەنجىرى، تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىك ئېھتىماللىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن شەھەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەدە تۇتۇلغان گۇماندارلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى، يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە 9 ئايال ۋە 8 بالا بولۇپ جەمئىي 17 نەپەر ئانا، بالا شەھەردىكى مەلۇم بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئانا ۋە بالىلار بارلىقىدەك بىر رېئاللىقىنى يوشۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. رابىيە خانىم «تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئانا ۋە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە زۇلۇمدىن قاچقان، 3-بىر دۆلەتتىن ئىنسانىي ياردەم كۈتكەن، بىگۇناھ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنىڭ ئىشارىتى» دېدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشىدىن يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن ئەرلەر ئايرىم بىر جايدا تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلمەكتە. رابىيە خانىم بۈگۈن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ گۇماندارلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش تېخى ئاياغلاشماي، ھەتتا باشلانماي تۇرۇپ، ئۇلارنى دۇنياغا دىنىي رادىكال ئۇنسۇرلار دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. رابىيە خانىم ۋەقە مەيدانىدا ئېتىۋېتىلگەن تۇتقۇنغا خىتاي تەرەپنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى، ئەسلىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇننى ئاتماي تۇرۇپ بويسۇندۇرۇش ئىمكانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي دۆلىتى يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋان ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى. رابىيە خانىم بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «مانا بۇ پاجىئە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن نېمە ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تىنىمسىز قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ، شۇنداقلا تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە كوللېكتىپ ھالدا قېچىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ» دېدى. رابىيە خانىم يەنە، خىتاينىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ 5-كۈنىگە قەدەم قويغانغا قەدەر، ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتۇلغانلار ئارىسىدا ئانىلار ۋە بالىلار بارلىقىنى يوشۇرغانلىقىنى، «بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ ئىشى ئەمەس» دېدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا جامائىتىگە خىلاپ قىلىپ، «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ھەر بىر پاجىئەلىك ۋەقەدىن، ئۆزلىرىگە دەرس ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن نەپ قازىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى. رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەردە دىنىي رادىكاللىقنى تىلغا ئېلىش، ساقچىلارغا كۆرسىتىلگەن قارشىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ۋەقەدىكى ئانا- بالىلار ھەققىدىكى مەلۇماتنى يوشۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنىڭ مەزكۇر كىشىلەرگە قارىتا ھېسداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارغا قارىتا قوللانغان ۋە قوللانغۇسى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى دۇنيا جامائىتىگە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
يۇقىرىدا گۇاڭشىدىن ۋىيېتنامغا قېچىش سەپىرىدە تۇتۇلغان گۇماندارلار ئارىسىدا ئانا، بالىلار بارلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي تەرىپىدىن يوشۇرۇلغانلىقىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسنى ئاڭلىدىڭلار.