
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك ئەنقەرەدە ئۈلكۈ ئۇچاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندى بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا ۋاكالىتەن تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل: «تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 300 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىشى ئۈچۈن ئۈلكۈ ئۇچاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ئولجاي كىلاۋۇز ئەپەندىنىڭ 2014-يىلى 5-دېكابىردا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىش ئارقىلىق باشلىغان ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشلانغان قەلەم سۇندۇرۇش سەپەرۋەرلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە بارغانچە كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيگەن شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇنى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى جەھەتتىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ۋە مەنىلىك ھەرىكەت بولدى، دەپ قارايمىز. بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، ئەگەر خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەن تەقدىردە ئېغىر خەۋپلەرگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالى بولغان تايلاندتىكى 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بالدۇرراق قۇتقۇزۇپ قېلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ھەرىكەتكە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.
خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل تەشەككۈر سۆزىدە يەنە، «ئۇيغۇر مەسىلىسى يالغۇز تايلاندتىكى 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش بىلەنلا ھەل بولمايدۇ. ئۈلكۈ ئۇچاقلىرىغا ئوخشاش تۈركىيەنىڭ بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيە خەلقىنى ھەرىكەتكە سېلىشى لازىم، تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى يۇمشىتىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك» دېدى.
ئۈلكۈ ئۇچاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى رەئىسى ئولجاي كىلاۋۇزمۇ سۆز قىلىپ، «تايلاندتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قۇتقۇزۇلۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنگە قەدەر خىلمۇخىل پائالىيەتلىرىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىمىز. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا قېرىنداشلىرىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2-سىنىپ پۇقرا مۇئامىلىسى كۆرمەكتە. بىز بۇ ناھەقچىلىكنىڭ تۈگىشىنى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئوخشاش ھەق-ھوقۇققا ئىگە بولۇپ، ئەركىن، ئىنساندەك ھايات كەچۈرۈشىنى خالايمىز. ھەمدە بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشقانغا قەدەر مۇجادىلىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى ئۈلكۈ ئۇچاقلىرى مەركىزىدىكى تەشەككۈر زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلجاي كىلاۋۇز ئەپەندىگە ئۇيغۇر كىيىملىرى ھەدىيە قىلدى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ھازىرلانغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دوكلاتىنى تەقدىم قىلدى.
تايلاند قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قۇتقۇزۇپ قىلىنىشى ئۈچۈن باشلىتىلغان ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىكى تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەت شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە توختىماي داۋاملاشماقتا. توپلىنىدىغان ئومۇمىي ئىمزا سانىنىڭ مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئازادجان بۇغرامۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.