erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر خانىم: ئۈرۈمچىنىڭ نىزامنامىسى ئىسلامغا ئېغىر ھاقارەت قىلىدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي نىزامنامىسىنى «ئىسلامغا ئېغىر ھاقارەت قىلىدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.

10‏-دېكابىر چىقىرىلغان نىزامنامىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا جىلباپ، پەرەنجە-چۈمبەل قاتارلىق دىنىي كىيىملەر مەنئى قىلىنغان ۋە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر نىزامنامە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىسلام دېنىغا ئېغىر ھاقارەت قىلىدىكەن.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دېدى: خىتاي دەل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى «مانا مەن ئۇيغۇرنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيىتىنى جىنايى ئىش بىلەن سۈرۈشتۈرىمەن» دەپ سىگنال بەردى. بۇ، يالغۇز كىشىلىك ھوقۇققىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتى ۋە ئىسلام دىنىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى

مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئەتىسىلا قەشقەردىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن.

«ئۈرۈمچى ئانا تىل خەلقئارا ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەتسىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق قۇرغۇچىلىرى 2013-يىلى 20-ئاۋغۇستتا تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئۇلار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوتتا سوتلانغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپقا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان» دېگەن جىنايەت 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ۋە 80 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلغان ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇردى

10- دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6-دېكابىر فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭچىلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش پارىژ شەھىرىدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ خىلدىكى نامايىش 7-دېكابىر نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشنى نورۋېگىيە ۋىيېتنام جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، نورۋېگىيە تىبەت كومىتېتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇردى.

نامايىش يەنە 10- دېكابىر توكيودىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەدە بايانات ۋە «قەلەم سۇندۇرۇش» پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەيىبلەندى.

1948-يىلى 10-دېكابىر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان

10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 33‏-قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا، كىشىلىك ھوقۇق، ئۇيغۇر، تىبەت ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېرخارد ساباتىل بېريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلەپ: بىز بۇ قېتىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، بولۇپمۇ تىبەت ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بىز يەنە ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، قانۇن تەرتىپ مەسىلىسىنى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. شۇنداقلا بىز يەنە، ياۋروپا جەمئىيىتىگە تونۇشلۇق بەزى شەخسلەرنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلىشىپ، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق ۋە بىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، دېدى.

ياۋروپا تەرەپ دىئالوگتا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا 3 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەن

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن لىيۇ شاۋيۈەن تۋىتتېرغا ئۇچۇر يوللاپ، ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 3 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈم 8-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان.

بۇ 7 ئوقۇغۇچى پەرھات خالمۇرات، شۆھرەت نىياز، مۇتەللىپ ئىمىن، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، ئاتىكەم روزى، ئەكبەر ئىمىن ۋە لو يۈۋېي قاتارلىقلار ئىكەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلھام توختى باشقۇرۇشىدىكى «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقىتىلغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلاردا «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقىتىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ خىلدىكى كىنىشكىلارنىڭ بىر نۇسخىسى «فېيسبۇك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاندى.

رەسىمگە قارىغاندا، مەزكۇر كىنىشكىنى خوتەننىڭ ھاڭگىيا يېزا ئاياغ خانىقائېرىق كەنتىنىڭ مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى تارقاتقان.

كىنىشكىغا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە قىلىپ «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» دەپ يېزىلغان ۋە كىنىشكا ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلارمۇ ئېنىق بەلگىلەنگەن.

بۇ خىل كىنىشكىنىڭ يەنە نېمە مەقسەتتە ۋە كىملەرگە تارقىتىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، بۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئورتاق يولغا قويۇلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.