
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى چىقارغان قانۇن نىزامنى تەنقىد قىلدى. 10-دېكابىر چىقىرىلغان قانۇن نىزامدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا جىلباپ، پەرەنجە-چۈمبەل قاتارلىق دىنىي كىيىملەر مەنئى قىلىنىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر نىزام كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلا ئەمەس. ئۇ يەنە، ئىسلامغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت.
رابىيە قادىر : خىتاي يالغۇز بۇ گەپ بىلەنلا بىر ئۇچۇر بېرىۋاتمايدۇ. ئاۋۋال كىشىلىك ھوقۇق كۈنى باشلىنىشتىن بۇرۇن 8 بالىغا ئۆلۈم جازاسى، 5 بالىغا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. 2-3 كۈن ئاۋۋال ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاماق جازاسى بەردى. خىتاي ھۆكۈمى شۇ سىگنالنى بېرىپلا قالمىدى. ئۇ دەل بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق كۈنى پۈتۈن دۇنياغا نېمە دەپ سىگنال بەردى؟ مانا مەن ئۇيغۇرنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد قىلغان ئادىمىنى جىنايى ئىش بىلەن سۈرۈشتۈرىمەن، دەيدىغان سىگنالنى بەردى. بۇ، يالغۇز كىشىلىك ھوقۇققىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەر قانداق خەلققە ئاشكارد جەڭ ئېلان قىلغانلىق ھەم شۇلارغا قىلىۋاتقان ھاقارەت، ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان ھاقارەت.
مەزكۇر قانۇن نىزام ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچگە ئىگە بولىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر قانۇن نىزامنى چوقۇم تەستىقلايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاخباراتى فىرانسىيەنى مىسال قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ 2010- يىلى قانۇن چىقىرىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا پەرەنجە چۈمبەلنى چەكلىگەنلىكىنى، شۇڭا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇنداق بىر بەلگىلىمە چىقىرىشى پۈتۈنلەي قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر قانۇننى فىرانسىيە بىلەن سېلىشتۇرۇشى كۈلكىلىك. خىتاي خەلقئارا ئۆلچەمگە ئەمەل قىلمايدىغان، مۇستەقىل ئەدلىيە مېخانىزمى يوق دۆلەت. شۇڭا، خىتاي سىياسىي، مەمۇرىي دائىرىلىرىنىڭ مەزمۇنى مۈجمەل قانۇن نىزاملارنى بۇرمىلاپ، ئۇنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا ھەر خىل ئەركىنلىكلەرنى باستۇرۇش قورالىغا ئاتلاندۇرۇۋېلىش ئېھتىمالى زور.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ نىزام خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇ، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇلارنى قارشىلىشىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ھېچقانداق جېدەل -ماجىراسىز، ئۇرۇش-داۋاسىز نورمال ئېتىقاد قىلىپ، ئاللاھغا ئىبادەت قىلىپ كېتىۋاتقان بىر مىللەت. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى، تىلى، سۆزلەش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق دەپدەندە قىلىپ، دۇنيا تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېغىر قارشىلىشىش، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش، ئۆزى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئاللاھىغا سادىق بولۇشتىن ئىبارەت شوئار كۆتۈرۈلۈپ چىقتى.
مۇخبىر:-بۇ چەكلىمە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەك-چېگرىسى قەيەردىن قەيەرگىچە؟ دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ قارىشىچە، پەرەنجە كىيىش، ساقال قويۇش، چۈمبەل ئارتىش، جىلباپ كىيىش بۇلارنىڭ ھەممىسى دىنىي ئاشقۇنلۇق، بۇ چەكلىنىشى كېرەك. بۇنى، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىنلىك چېگرىسىدىن ھالقىغان نەرسىلەر، دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ چەكلەۋاتىدۇ. سىزنىڭ قارىشىڭىزدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ چەك-چېگرىسى قەيەردىن قەيەرگە كەلگۈچە؟ بۇنىڭغا سىز قانداق تەبىر بېرىسىز؟
رابىيە قادىر:-مەن دىنىي ئالىم ئەمەس. بىراق دىنىي ئەركىنلىك كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر قىسمى. مەن بۇنىڭغا ھەممە جەھەتتىن پەتىۋا بېرەلمىسەممۇ، ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئۆزىنىڭ ئىىختىيارى بىلەن ياشايدىغان، ئۇرۇش-ماجراسىز، تىنچلىق بىلەن ياشايدىغان، ئۆزى تاللىۋالغان ئەركىنلىك ۋە ئۆزى تاللىۋالغان ئىشنى قىلىدىغان ئەركىنلىكنى ھەممە بەندىلەرگە بەرگەن. غەرب دۇنياسى بولسۇن، ئىسلام دۇنياسى بولسۇن ياكى تۈرك دۇنياسى بولسۇن، سىز قاراپ بېقىڭ، خالىغىنى ياغلىق ئارتىدۇ. خالىغىنى 5 ۋاقىت ناماز ئوقۇۋاتىدۇ. خالىغىنى قانداق قىلىۋاتىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا چېقىلمىسا ئۇمۇ ئۇنىڭغا چېقىلمايۋاتىدۇ.
مۇخبىر:-ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ قېتىم بىر قانۇن چىقىرىپ، دىنىي كىيىملەرنى چەكلىدى. بۇ، ئۇلار كۈتكەندەك مۇقىملىقنى پەيدا قىلامدۇ ياكى نارازىلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئېغىر ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز؟
رابىيە قادىر:-مۇخبىر ئەپەندى، ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز، چۈنكى بۇ سوئال خىتاينىڭ ئۆزىگىمۇ، يۈرىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە قويۇلغان سوئال. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، نورمال ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنتايىن ئېغىر تىنچسىزلىق، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈندىن-كۈنگە مۇقىمسىزلىقنى پەيدا قىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياخشىلىق ئەكەلمەيدۇ. ياغلىق ئارتامدۇ، ناماز ئوقامدۇ-ئوقۇمامدۇ، ئۇ خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى. خەلقنى ئىختىيارىغا قويسا خەلق ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن نورمال تىنچ ھالەتنى تۇتۇپ قالىدۇ. دىنىي ئاشقۇنلۇق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. دىنىي ئاشقۇنلۇقنى مەۋجۇت قىلىۋاتقانلار دىكتاتورلۇق بىلەن ئۇلارغا سېلىۋاتقان زوراۋانلىق.
مۇخبىر:-ئاخىرقى بىر سوئالىم، تۈنۈگۈن «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى»، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا نېمە دەيسىز؟
رابىيە قادىر:-مەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مېنىڭ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن، بىز ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مۇسۇلمان خەلق. ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنى، ئۆزىمىزنىڭ خەلقىنى ئويلاش كېرەك. ۋەتەننى تاشلاپ، ۋەتەننى بىكارلاپ بېرىپ قېچىپ چىقىپ، دۇنيادا سەرگەردان بولۇپ ئۆلۈپ يۈرمەسلىك كېرەك. خىتاي تاكى مىلتىقنى بېشىغا تەڭلىمىگىچە، ئۆزىنىڭ ئۇششاق بالىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، دۇنياغا چىقىپ كەتمەي، ھەر نېمە بولسا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە بولۇشى كېرەك. ھىجرەتمۇ ئۆز ۋەتەندە بولۇشى كېرەك، جەننەتكە كىرىشمۇ ئۆز ۋەتەندە بولۇشى كېرەك، ئېتىقادمۇ ئۆز ۋەتەندە بولۇشى كېرەك. كۈرەشمۇ ئۆز ۋەتەندە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن. مەن خەلقىمنى شۇنىڭغا چاقىرىمەن.