
10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقىنىڭ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى قوبۇل قىلىپ، رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى. زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ خىتابنامىدە، ھەربىر ئىنساننىڭ باراۋەر تۇغۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزسىز ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، بارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىق قىلىپ ئەسكەرتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە يەنە ئېنىق قىلىپ، بارلىق خەلقلەرنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئىنسانلىق تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ خىتابنامە قوبۇل قىلىنغان 10-دېكابىر كۈنى بولسا شۇندىن ئېتىبارەن ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 64-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادالەت سىستېمىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازالىرىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، 2014-يىلى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن بەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئالدىنقى كۈنىلا 8 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ۋە 5 نەپەر ئۇيغۇرنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، 12 ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 47 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل سوت تەرتىپى بويىچە سوتلانمىغانلىقىنى، ئۆزىنى قوغداش، ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئەيىبلىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان نەق مەيداندا يوقىتىش، سوتسىز ئۆلۈم ۋە ئەدلىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان ئۆلۈم جازالىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
بۈگۈن يەنە، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت ھەرىكىتى ئىنستىتۇتى باشلىقى تېنزىن دورجى، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى باشلىقى ئېنگېباتۇ توگوچوگ ۋە ياڭ جيەنلى، تىڭ بياۋ قاتارلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىملارچە بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قەھرىمانلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاشتەك روھى ۋە قەھرىمانلىقىنىڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:
شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان بېسىم كۈچەيدى، خەلققە زەربە بېرىش كۈچەيتىلدى. ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئېلىدىكى «كوللېكتىپ زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرىمۇ زەربىگە ئۇچرىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ھۇجۇملىرى كىشىلەرنىڭ ئادالەتكە بولغان تەلپۈنۈشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، بارچە گۇرۇپپىلارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغۇچە، قارشىلىق توختاپ قالمايدۇ.
ئۇلار باياناتى ئاخىرىدا خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ خىتاب قىلىپ «سىلەر ھەرقانداق زۇلۇم ۋە بېسىم بىلەنمۇ بىزنىڭ كېلەچەكتە كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى ئەركىنلىك ئىچىدە خاتىرىلەش ئارزۇيىمىزنى يوققا چىقىرالمايسىلەر» دېدى.