
رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
3-دېكابىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى شەرقىي تۈركىستانغا كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىشكە چاقىردى.
بۇ يىغىننى ترانسىت رادىكال پارتىيەسى ئۇيۇشتۇردى.
رابىيە خانىم سۆزىدە ياۋروپا پارلامېنتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئېلىش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ھەمدە ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئادالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا خوڭكوڭ نامايىشى ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر نامايىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدىمۇ توختالدى.
ئادانا شەھىرى تايلاندتىكى «تۈرك» مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچماقچى
2-دېكابىر، تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تايلاندتا قېيىن ئەھۋالدا قالغان 300 ئۇيغۇر مۇساپىرىنى ئۆز شەھىرىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئادانا ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئېلى ئارسلان ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە بىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە شۇنى خىتاب قىلىمىزكى، يۈز مىڭلىغان سۈرىيەلىك ۋە ئىراقلىق كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچقان تۈركىيە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ قۇچاقلىرىنى كەڭ ئېچىشى كېرەك.
بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ يىل مارتتىن باشلاپ تايلاندىكى مۇساپىرلا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تا ھازىغىچە ئۆزلىرىنى «تۈرك» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.
خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانداق دىنىي كىيىملەرنى كىيىشىنى بەلگىلىدى
28-نويابىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن ماقۇللاپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانداق دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى، قانداق ياسىنىشىغا بولمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن.
قانۇن نىزامدا، ھەرقانداق كىشىنىڭ «دىنىي ئاشقۇنلۇق تۈسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، شۇ خىل سىمۋوللۇق نەرسىلەرنى تاقىشى ياكى شۇ پاسوندا ياسىنىشى مەنئى قىلىنغان.»
بۇ بۇنداق بىر قانۇن نىزامنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم چىقىرىلىشىدۇر. دائىرىلەر، مەزكۇر نىزامنى ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر نىزام دىنىي ئەركىنلىككە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق، ئىپادە ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغانلىق، دەپ تەنقىد قىلدى.
ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى يېڭى كىتابى ھەققىدە توختالدى
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى يېقىندا تاماملىغان «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر-تېخنىكا: يەتتە چوڭ كەشپىيات» ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە خىتايلارنىڭ «4 چوڭ كەشپىيات» ئىغا سوئال قويغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «7 چوڭ كەشپىيات» تى بارلىقىنى دەلىللىگەن.
ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلار پەخىرلىنىپ تىلغان ئالىدىغان «4 چوڭ كەشپىيات» نىڭ 3 خىلىنى ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرى كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇربان ۋەلى 1980-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ مۇرەككەپ سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇ بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبىتىدە يېقىدا تاماملىغان «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر-تېخنىكا: يەتتە چوڭ كەشپىيات» ناملىق ئەسىرىنى «بۇ مېنىڭ 20 يىللىق ئامېرىكا ھاياتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسى» دەپ ئاتىدى.
مەرۋايىت ھاپىزنىڭ مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
1-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە تونۇلغان رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
پسىخولوگىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئېچىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا گېرمانىيەدىكى تونۇلغان رەسساملار، يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە رەسىم ھەۋەسكارلىرىمۇ قاتناشتى.
كۆرگەزمىگە ئىككى ئاي داۋام قىلىدۇ. كۆرگەزمىگە مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ قەشقەرنىڭ قەدىمىي كوچىلىرى، ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 70 پارچە ئەسىرى قويۇلغان.
ئۆركەش دۆلەت تەيۋەندە پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ
1-دېكابىر ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەيجۇڭ شەھەرلىك پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆركەش دۆلەتنىڭ بۇ قارارى تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي، بەلكى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى چەككەن.
ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «تارىخنىڭ ھەل قىلغۇچ پەيتىدە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىش شەرەپلىك ئىش! مەن سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارلامېنتقا كىرىشنى، بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ دەۋرىمىزدە دېموكراتىيىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئاچقۇچى بولۇپ قېلىشنى خالايمەن!»
ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇ 1997-يىلى 7-ئايدا تەيۋەن پۇقرالىقىغا ئۆتكەن.