2014.12.03
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا. 2014-يىلى 3-دېكابىر.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 3-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى. ترانسىت رادىكال پارتىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ 7 ئوقۇغۇچىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپا پارلامېنتىغا بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىپ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن، ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قاماش، ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىقلار .
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا خىتاينىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسئۇلى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار .