Hegita-reiko-xanim.jpgئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تېكىستلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھاگىتا رېئىكو خانىم «»ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە» يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2014-يىلى 27-نويابىر، توكيو.

27-نويابىر توكيودىكى كامىدو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا، يېقىندا ياپونىيە شۇكۇئوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمە ساھىبى ھاگىتا رېئىكو خانىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇھاكىمە توغرىسىدا دوكلات بېرىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە توكيو ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ تېكىستلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھاگىتا رېئىكو خانىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى پارلاق ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇس. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەدەنىيىتى، ئىستەك-خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىقى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇ-خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇزىكىلىق ئىپادە جەھەتتە لىرىكا بىلەن ئېپىكا،نەغمە بىلەن نەزم گارمونىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن.مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا، شۇڭا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى «شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى كۈيلەر ۋە تېكىستلەردىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مۇزىكىلىق ئىپادىسىدۇر. مۇقاملار ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك، باي مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ، پاساھەتلىك، يەڭگىل ھەم ئېيتىشقا ئەپلىك كلاسسىك شېئىرلار بولۇپ، ئاساسەن غەزەللەر، بېيىت-قوشاقلار بىلەن جانلىنىدۇ. ھەر بىر مۇقامنىڭ ئىككىنچى قىسمى خەلق ئىچىگە تارقالغان ئېپىكلىق داستانلار بىلەن تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرىپ، تىڭشىغۇچىلارغا سىيۇژىتلىق پەلسەپىۋى ۋە دىداكتىكىلىق تېكىستلەر ئارقىلىق يەنىمۇ تەسىرچان ئېستېتىك ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. مەشرەپ قىسمىدىكى كۈيلەر كۆپىنچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەڭ ئومۇملاشقان بېيىت-قوشاقلار ۋە بۇلارغا ماس كېلىدىغان كلاسسىك شېئىرلار بىلەن ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ-دە، تىڭشۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا ناخشا-ئۇسۇللار قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ.»

ھاگىتا رېئىكو خانىم دوكلاتىدا، مۇقامنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تېكىستلەر مۇقام پېشۋاسى – ئون ئىككى مۇقامنى ئۆز بوۋىسىدىن ئۆگەنگەن، ئەنئەنە بويىچە زامانىمىزغا يەتكۈزگەن مەشھۇر خەلق سەنئەتكارى تۇردى ئاخۇن باغلىغان تېكىستلەر زامان ۋە سورۇنلارنىڭ تاللىشىدىن ئۆتكەن ئاساسىي مەنبە بولۇپ، بۇ تېكىستلەر تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ئاساسەن رەتلەنگەن تېكىستلەردۇر. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1956-يىلى تۇردى ئاخۇننىڭ ئورۇنلىشىدا تۇنجى قېتىم ئۈنئالغۇ تەخسىسىگە ئېلىنىپ رەتلەنگەن. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، سىياسىيدىن خالى بولغان، تەڭرىنى، تەبىئەتنى، ئىنسانىيەتنى، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنى كۈيلەپ، ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن سەنئەت ماھارىتىنى بىر ئۆمۈر ئۆز خەلقىگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان قەشقەرلىك مۇقام پېشۋاسى تۇردىئاخۇنمۇ سىياسىي بېسىم بىلەن كومپارتىيىنى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى توغرىسىدىكى پاكىتلار ئالدىمىزدا تۇرىدۇ.»

ئۇ،سۆزىدە يەنە:«سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى گەرچە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارى بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى سوۋېتلار ئىتتىپاقىدا ئىلىم ئالغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۆز خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنى ساقلاپ قىلىشقا كۈچ چىقارغان» دېدى.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىنى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھاگىتا رېئىكو خانىم دوكلاتىدا ئۆزى تەرجىمە قىلغان مۇقام تېكىستلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى 16-ئەسىردە رەتلەنگەن چېغىدا، مۇقام كۈيلىرى شۇ زامانغىچە ئۆتكەن كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىغا ياكى خەلق داستانلىرىغا باغلانغان بولۇشى تەبىئىي. مېنىڭ بۇ قېتىم تەرجىمە قىلىپ يورۇقلۇققا چىقارغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى بولسا 1997-يىلى، جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 13 توملۇق گىگانت ئەسەر «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى. بۇ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستولوگىيىسىنىڭ يېپ‏-يېڭى بىر تارىخىي دەۋرىنى ئاچقان نادىر ئەسەر بولۇپ، ياپون تىلىدىكى تەرجىمىسىنى مۇشۇ ئەسەرگە ئاساسەن تولۇق تەرجىمە قىلدىم دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ، مۇقام تېكىستلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان «ئاشىق» ۋە «ئىشق» سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىپ:«ئاشىق ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بىرەر نەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالماق،تەركىدۇنيا ھالدا بارلىقىنى خۇداغا بېغىشلىغان، چاچ-ساقاللىرى ئۆستۈرۈلگەن كىشى دەرۋىش- دېگەنلىكتۇر. ئىشىق-بولسا، يارغا بولغان مۇھەببەت، سۆيگۈ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

ھاگىتا رېئىكو خانىم مۇقام تېكىستلىرىدە ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن بۇيان، تىل جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ھالدا ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت روزاخۇن رابىيە قادىرنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ھاگىتا رېئىكو خانىمغا دوپپا تەقدىم قىلدى.

بىز ئاخىرىدا بۈگۈنكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتقىنىمىزدا، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.