
تۈركىيە ھۆكۈمىتى تايلاندتىكى 300 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
يېقىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى تايلاندتا قامىلىپ ياتقان 300 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۈركىيەگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزلىرىنىڭ «تۈرك» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ مۇساپىرلار بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان. تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەگەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ 1960-يىللاردىن بۇيان زور ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۈركىيەگە كوللېكتىپ يەرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ قالىدىكەن.
رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدىكى «7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى» دە خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى مات قىلدى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقان.
رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى جەنۋەدە ئېچىلغان 9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ب د ت يىغىنغا قاتناشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ھەيئىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا چاقىرىلغان «7-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى » دە سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.
ھالبۇكى، رابىيە خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ، يىغىندا 3 مىنۇتلۇق سۆز پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتقان.
ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈستىدىن 25-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يېپىق سوت ئېچىلدى
25-نويابىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئۈرۈمچىدە يېپىق ھالدا سوتلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېپىق سوتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگەن. 7 نەپەر سوتلانغۇچىنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچقانداق كىشى سوتقا قاتناشتۇرۇلمىغان.
شۇ كۈنىدىكى سوتتا ئۇلارغا جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنمىغان. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىغا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان.
بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ئىلگىرى ئىلھام توختىنىڭ ساھىپلىقىدىكى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە خالىسانە ئىشلىگەنلەر ئىكەن. ئۇلار بۇ يىل 15-يانۋاردا ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان.
چاپچال ناھىيىسىدە ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدار چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى
مەلۇم بولۇشىچە، 14-نويابىر كۈنى چاپچال ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى مەزكۇر ناھىيەدىكى يېرىدىن ئايرىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدارنى رەسمىي قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر قۇربانجان مەمەت ۋە ياسىنجان مەمەت قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئەرزدارنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققانلىقى ۋە چەتئەل رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغان.
قۇربانجان بىلەن ياسىنجان 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغا قەدەر مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان يەرلىرى ئۈچۈن تىنىمسىز دەۋا قىلىپ كەلگەن. 2012-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە دائىرىلەر ئۇلارنى «دېھقانچىلىق يەرلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە جازا مۇددىتىنى 4 يىلغا سۈرۈپ نازارەت ئاستىدا ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان.
ھالبۇكى، يېقىندا چاپچال ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنى قايتىدىن قولغا ئېلىپ قاتتىق جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ توردا ئېلان قىلغان ئىنكاسى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى
يېقىندا مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېكىتىدە «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلگەن بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ «جەنۇبتىكى كەنتلەردە كۆرگەن-بىلگەنلىرىم» ناملىق يازمىسى ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مىڭلىغان توركېزەرلەر تورغا ئىنكاس يېزىپ، جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەردە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەرنى پاش قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىدارە-جەمئىيەتلەر شۇنىڭدەك ھەر ساھە ۋە كەسىپلەر بويىچە 200 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» بويىچە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرگەن.
ھالبۇكى، مەزكۇر يازمىنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر كادىر «تۆۋەنگە چۈشكەن» يۈزمىڭلىغان كادىرلارنىڭ جەنۇبتىكى كەنتلەردە ھېچقانداق ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى خېلىل ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخىي رومانى نەشر قىلىندى
يېقىندا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازارلىرىدىن خەمىت ھەمرايېف 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى ھەققىدىكى تارىخى رومانى «غۇلجا يولى» نى رۇس تىلىدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسەتشۇناس ۋە ئاتاقلىق ئىلمىي ئەسەرلەر تەرجىمانى خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىنى تارىخىي رومان شەكلى بىلەن يورۇتۇشقا كىرىشكەن.
ئۇنىڭ بۇ تېمىدىكى «غۇلجا يولى» ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ ئالدىنقى ئىككى تومى ئالماتادىكى «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
كۆپ قىسىم قىلىپ يېزىش پىلانلانغان مەزكۇر تارىخىي روماننىڭ بىرىنچى تومى 1916-1918-يىللىرى ئارىسىدا يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن سىياسىي پاجىئەلەرگە بېغىشلانغان. رومانىنىڭ ئىككىنچى تومىدا 1919-1921-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەر ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر تەسۋىرلەنگەن.