د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كېلەر ئاينىڭ 3-كۈنى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا خوڭكوڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق دوكلات بېرىدۇ.
ئۇنىڭ «خوڭكوڭ نارازىلىقى نامايىشى خىتايدا دېموكراتىيە، دىئالوگ ۋە تىنچلىققا قانداق ئىلھام بەردى» سەرلەۋھىلىك دوكلات بېرىش يىغىنىنى ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى سابا سوگور بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان.
رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، «خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بۈگۈنكى نامايىشى، يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ئۇ تىبەت خەلقى، موڭغۇل خەلقى، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ ۋە بارلىق دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئىزدەۋاتقان، ئۈنىنى چىقىرالمايۋاتقان خىتاي خەلقىنىڭ ئاۋازى» دېگەن ئىدى.
ۋ م خ ت دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، رابىيە قادىر خانىم يىغىندا «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، دېموكراتىك كۈرىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ھەققىدە توختىلىدۇ. خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشى ۋە خىتايدىكى باشقا دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئوخشاشلىقى، پەرقى ۋە تەجرىبە ساۋاقلار ھەققىدە سۆزلەيدۇ» دېگەن.
ۋ م خ ت يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي ھوقۇقنى خەلققە تاپشۇرۇش يولىدا زۆرۈر قەدەملەرنى باسمىسا، بۈگۈن خوڭكوڭدا پارتلىغان نارازىلىق مۇتلەق تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خىتايدا مۇتلەق پارتلايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.