jenwe-yighin-uyghur-mesilisi-1.jpg«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە شىددەت» ناملىق يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى. 2014-يىلى 26-نويابىر، جەنۋە.

26-نويابىر كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىنىڭ ئىچىدىكى زالدا ئېچىلغان «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە شىددەت» ناملىق يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەئىسى ڭاۋاڭ چوئەپھەل رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، جەنۋە ئۈچۈن ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ناملىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، موڭغۇل، تىبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ب د ت نىڭ بەزى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جەنۋەگە ئۇيغۇر ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى توغرىسىدا، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنغەباتۇ توگوچوگ ئەپەندى، خىتاينىڭ موڭغوللارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا، تىبەتنىڭ جەنۋە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى داۋا تسۇلترىم ئەپەندى بولسا خىتاينىڭ تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى توغرىسىدا، ئايشە مەمەتوۋا خانىم بولسا رۇسلارنىڭ قىرىمنى بېسىۋېلىشى ۋە تاتارلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا، زەنا ئال-ئەسىئا خانىم بولسا ئىراقتىكى شىيە كۈرتلەر بىلەن شىيە تۈركمەنلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىندا قىلغان سۆزىدە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، «يېڭى زېمىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجياڭ» سۆزىنىڭ بۇنىڭ جانلىق مىسالى ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بېسىم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.