ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنى سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە رەسمىي باشلاندى. 7 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى يىغىنى ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئۆلچەم ۋە يېڭى چارە – تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئىشتىراك قىلدى.
ب د ت باش سېكرىتارى بان كىمۇن يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش دۇنياغا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېدى. ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندا مەسىلىنىڭ يىلتىزىغا قاراشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەمەلدارى رىتا ئىساك بۈگۈن يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېغىر زۇلۇمغا، كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەزكۇر يىغىن ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە ئېچىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.