
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىن چاقىرىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق، زۇلۇمنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزگىلدە ئېچىلىدۇ.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى: ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق، زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش» ناملىق 25-26-نويابىر كۈنلىرىدىكى يىغىنىغا يانداش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى «ۋەكىللىك ئورنى يوق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە جەلپ قىلىشتۇر.»
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جوناتان لىس مۇنداق دېدى 7 :-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى بۇ يىغىن مەزگىلىدە بۇ خىل يانداش يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قارشى چارە تەدبىر تېپىپ چىقىش. يىغىندا، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە قانۇندىن ھالقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش مەسىلىلىرىنى سۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەرقلىق جامائەتلەر ۋە ھەر قايسى ئۇ ن پ ئو ئەزالىرى پەرقلىق مەسىلىلەرنى، دۇنيادىكى نۇرغۇن پەرقلىق ھادىسىلەرنى خۇسۇسەن، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانداق قوغداش، خەلقئارا توقۇنۇشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 21-نويابىر جەنۋەگە قاراپ يولغا چىققان. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يىغىنىغا قاتنىشىش، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەش، دىپلوماتلار، ب د ت دىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلار ئۇ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ جەنۋەدىكى ئاساسلىق پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدۇ.
ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى ئاز سانلىق مىللەتلەر يىغىنى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نويابىردىكى پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جوناتان لىس، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ: شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ناھايىتى تېزلا تېررورلۇق قاپلىدى. بىز بۇ يىل بىر قاتار ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق. بىز يەنە، داۋاملىق بىر قاتار كىشىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىگە ھەم قانۇندىن ھالقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە شاھىت بولدۇق. بىز ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن داۋاملىق قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئۇ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى داۋاملىق يېقىندىن تەقىب قىلىمىز، دېدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 25-26-نويابىردىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىندا خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئۆلچەم ۋە يېڭى چارە-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە مەسئۇل ئالاھىدە ئەمەلدارى رىتا ئىساك، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ داۋاملىق زوراۋانلىق ۋە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، « بۇ ئۆتمۈشتىكى ھادىسە ئەمەس. ئۇ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەت قوللىنىپ، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان رېئاللىق. بۇ قىلمىشنى سادىر قىلغانلار پۈتۈنلەي جازاسىز قېلىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇ، تەرەپلەرنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى يەنە بىر قېتىم بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تەجرىبە ساۋىقى ئارقىلىق زوراۋانلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش، زوراۋانلىقتىن كېيىن ئۈز -ئارا يارىشىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، تىنچلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سۈرۈشىمىزگە ياردەمچى بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ يىغىن يەنە «بارلىق تەرەپلەرنىڭ دىئالوگ قۇرۇشى، ئەمەلىي تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن، ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە بىر سورۇن ھازىرلايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
بىراق خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرىگە قارشى چىقىپ، ئۇلارنىڭ سۆز قىلىشىغا تۆرلۈك توسقۇنلۇقلارنى چىقىرىپ كەلگەن.
لېكىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى جوناتان لىس، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش سىياسىي ئىرادىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنى بۇنىڭغا مەجبۇرلايدىغان خەلقئارا مېخانىزم بارلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ : ئېنىقكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىغان بېسىم ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە يىللار كېتىدۇ. بۇ ناھايىتى قىيىن خىزمەت بولۇپ، بىز سىياسىي ئىرادىگە ئېھتىياجلىق. راستىنى ئېيتقاندا، بىز جۇڭگو مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا بۇ خىل سىياسىي ئىرادە بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق. ئۇنىڭدىكى بىرقانچە مىللەتلەر خۇسۇسەن، تىبەتلەر، شەرقىي تۈركىستان، موڭغۇللار ۋە شۇنداقلا تەيۋەن، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدە بىز خىتايغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى بۇ يول ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە، بۇ خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىشكە بولامدۇ، دەپ ئويلىنىپ كەلدۈق، دېدى.
جوناتان لىس يەنە، تېررورلۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇقنى خاتا قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىنچ نارازىلىق بىلدۈرۈش تېررورلۇق ئەمەس، ئاخباراتچىلىق تېررورلۇق ئەمەس، سىياسىي ئېتىقاد تېررورلۇق ئەمەس، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، بىر كۆنى دۆلەت بولۇشقا ۋە ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئىشىنىش تېررورلۇق ئەمەس. بىراق خىتاي بۇنى تېررورلۇق دەپ جازالاپ كەلگەن.
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە ۋاكالەتسىز خەلقلەر تەشكىلاتى 26-نويابىردىكى يىغىن توغرىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆتكەن يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىزتىراپ چەككەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. خۇسۇسەن، ئۇلار قەتلىئامغا تۇتۇلدى، كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈلدى، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىدى، ئىز -دېرەكسىز غايىب بولدى ۋە قانۇندىن ھالقىپ ئۆلتۈرۈلدى، دېگەن.