
2014-يىلى 21-نويابىر شەنبە كۈنى ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەلازىغ شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئەلازىغ شەھىرىدە، «شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسى» ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئىمزا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
رەسىم كۆرگەزمىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلىدىغان چوڭ ھەجىملىك كۆرۈنۈشلەر قويۇلدى.
بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە دىققەتنى تارتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەلازىغ شۆبىسىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى بولۇپ ئەلازىغ خەلقىدىن كۆپ ساندا كىشى زىيارەت قىلدى.
رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەلازىغ ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فاتىھ مۇرات تاشقىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
فاتىھ مۇرات تاشقىن ئەپەندى سۆزىدە مۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى، ۋەھشىيلىكنى ۋە قەتلىئاملارنى زېھىنلىرىمىزدە ۋە قەلبلىرىمىزدە ئۇنتۇپ قالماسلىق مەقسەتتە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاز بولسىمۇ ئاڭلىتىش مەقسەتتە بۇ كۆرگەزمە ئېچىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلاردىن ئېچىنىشلىق رەسىملەرنى كۆرگەزمىدە قويۇش ئارقىلىق ئەلازىغ خەلقىگە كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ئەلازىغ خەلقى پەقەت ئۆز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئەمەس بەلكى نەچچە مىڭ يىللىق مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە «مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن چۈشەنچە بويىچە، ئۇ يەردە زۇلۇم تارتقان قېرىنداشلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرى بىلەن ئورتاق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، چۈنكى ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمىدە، «ياخشىلىق قىلىشقا، ئادالەتلىك بولۇشقا يېقىن قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشكە» بۇيرۇيدۇ.
ئۇ، يەنە «ئۇ يەردە ئۇزاقلاردا بىر يۇرت بار، ئۇ يۇرتقا بىز بارالمىساقمۇ بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىزدۇر، ئۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلار بىزنىڭ ھەم دىنىي ھەم قان قېرىنداشلىرىمىزدۇر» دېدى.
فاتىھ مۇرات تاشقىن ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملارغا دۇنيا جامائىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ھەر ساھەدە ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىرايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ناماز ئوقۇشنى، روزا تۇتۇشنى، قۇرئان ئوقۇشنى چەكلىگەن، ئۇيغۇر ئاياللارغا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان كوممۇنىست خىتاينىڭ مەخپىي ھالدا ئىشلەۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتىگە خەلقئارا جامائەت كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز دىنى قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرمايمىز ۋە ھەر قايسى ساھەلەردە بۇ توغرىدا ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋارقىرايمىز».
ئەلازىغ ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فاتىھ مۇرات تاشقىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، مەرھۇم ئوسمان باتۇر، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، بارات ھاجىلارغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيدىغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىمغا ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا سالام يوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. شەرقىي تۈركىستان رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشتا ئۇلارنى قوللىغان، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.
رەسىم كۆرگەزمىسى جەريانىدا يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى بار ئەڭ چوڭ ۋە تەسىرى كۈچلۈك تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ پائالىيەت يەرلىك ۋە دۆلەتلىك مەتبۇئاتلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقىتىلدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.