sherqiy-turkistan-islam-jumhuriyiti.JPGشەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىغىنى. (خوڭكوڭدا خىتايچە نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)

شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81 يىللىقى ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە تەنتەنىلىك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە بىشكەك شەھىرى ۋە توقماق، قارا بالتا شەھەرلىرىدىكى ھەمدە شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 300دىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت گىمىنلىرى بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش كۆرەشلىرىدە قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيىۋ ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نامىدىن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بايرام كۈنى بىلەن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇلۇغ كۈننى ئۇنۇتماسلىققا، ياشلارنى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارنى شەرقى تۈركىستان روھى بىلەن تەربىيەلەپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

ئەينى دەۋىردىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئوغلى، قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم زىيالى نازىم قەمبىرى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتلىرىنىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان ئۈستەلگە تەكلىپ قىلىندى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كېيىن بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە بىز قارا بالتا شەھرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى تەلئەت باقىغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.