rabiye-seidin-eslisi.jpg1982-يىلى ئوينالغان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىدىن كۆرۈنۈش.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە سەھنىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى ناخشا-ئۇسسۇللۇق «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنىڭ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر، خىتاي تىللىرىدا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۆۋەتلىشىپ قويۇلۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوپېرانى كۆرگەن بەزى ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى تەييارلانغان ئوپېرا ئىلگىرى ئوينالغان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىدىن زور پەرق قىلىدىغانلىقىنى، ئوپېرادا ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەر شۇنداقلا خەلقنى ئادالەتكە، ھۆرلۈككە دەۋەت قىلىدىغان سۆز-جۈملىلەر پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، ئوپېرانىڭ ۋەقەلىكى ۋە تىلى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، زامانىۋى تۇرمۇش ئېلېمېنتلىرى قوشۇلۇپ ئەسلىدىكى كىشىلەر ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىدىن تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

«رابىيە-سەئىدىن» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مۇھەببەت رىۋايەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 19-ئەسىردىكى داڭلىق پېشۋاسى، ئۇلۇغ رېئالىزمچى شائىر ئابدۇرەھىم نىزارىنىڭ 1835-يىلى يېزىلغان تراگېدىيەلىك داستانى «رابىيە-سەئىدىن» نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن، بىر يۈز ئاتمىش نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا نامى ھۆرمەت بىلەن زىكىر قىلىنىپ كەلمەكتە.

ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانلىرى رابىيە بىلەن سەئىدىن ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەينى زاماندىكى پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي بەگلىكى كۆكچى يېزىسىنىڭ سۇبىھانائالاھ كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ قەبرىسى «قوشماق مازار» نامى بىلەن ئاتىلىپ، بۈگۈنگە قەدەر خەلق ئاممىسىنىڭ تاۋاپگاھى بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى داڭلىق ئۇيغۇر شائىرى ئەھمەد زىيائىي ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن ياتاقداش بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا «رابىيە سەئىدىن» ئوپېراسىنى يېزىشقا باشلىغان ۋە شۇ چاغدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىلىرىدە ئۇدۇللۇق ئېلان قىلىپ تۇرغان. بۇ ئەسەر جەمئىيەتتە ئىنتايىن زور داغدۇغا قوزغىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشۇ سانلىرى تۈرمىلەرگە قەدەر يېتىپ بېرىپ، «رابىيە-سەئىدىن» ئوپېراسىنى ئوقۇغان مەھبۇسلار: «ئەھمەد زىيائىي مۇشۇنداق ئەسەرنى يازغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاز كۈندە تۈرمىگە كىرىپ، سېپىمىزدىن ئورۇن ئالىدۇ» دېيىشكەن. بۇ ئوپېرا ئېلان قىلىنىپ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سەھنىلىرىدە بەس-بەس بىلەن ئوينىلىشقا باشلىغان. ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت پاجىئەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ تراگېدىيىلىك ئەسەر تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىپ، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان.

1980-يىللاردىن كېيىن بولسا، ئاتاقلىق شائىر ۋە دراماتورگ مەمتىلى زۇنۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «رابىيە سەئىدىن» ئوپېراسى سەھنىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلق ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەرھۇم شائىر، دراماتورگ مەمتىلى زۇنۇننىڭ رەپىقىسى تاڭنۇر خانىم بىلەن ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر سەھنىلىرىدە ئوينالغان «رابىيە سەئىدىن» ئوپېراسى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.