
رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى
23 – ئۆكتەبىر د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار ب د ت نىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار باشقارمىسى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مۇساپىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
رابىيە قادىر خانىم قاتارلىقلار ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلغان «59 – نۆۋەتلىك ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشلەرگە قارشى تۇرۇش يىغىنى» غا قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ۋەتەندىشى ئابدۇللاجاننىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشنى رەت قىلغان
تۈرمە دائىرىلىرى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا گۇاڭشىدىكى بىر تۈرمىدە سىرلىق ھالدا قازا قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ جەسىتىنى تۇغقانلىرىغا بېرىشنى رەت قىلغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابلاجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش تۈركىيەگە مېڭىش سەپىرىدە بۇ يىلىنىڭ بېشىدا ۋيېتنامدا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى پىڭشياڭ تۈرمىسىگە قامالغان.
تۈرمە دائىرىلىرى 9-ئۆكتەبىر ئابدۇللاجاننىڭ يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرغان.
مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدىكى دادىسى ئابدۇلمەننان قارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 4 كىشى مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن گۇاڭشىغا بارغان. ئەپسۇسكى، پىڭشياڭ شەھەرلىك تۈرمە دائىرىلىرى پىڭشياڭنىڭ «سەزگۈر چېگرا رايونى» ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئابدۇللاجاننىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان.
مۇلاھىزىچىلەر: خىتاينىڭ «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىققا پايدىلىق ئەمەس
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى يېقىندا تارقاتقان «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش قوللانمىسى» ھەققىدە توختالغان بەزى مۇلاھىزىچىلەر، مەزكۇر قوللانمىنىڭ قاراتمىلىققا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ خىل قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنىڭ رايوندا مىللىي زىددىيەت ۋە ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ خىل قوللانمىنى مەملىكەت مىقياسىدا تارقاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئۆزىنىڭ رايونغا خاس قوللانمىسىنى تارقاتقان. ج خ دائىرىلىرى بۇ «قوللانما پۇقرالارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق» دەپ تونۇشتۇرغان.
لېكىن، ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى، بۇ تەدبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ كۆپ زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى ب د ت غا سۇنغان دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن
ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، گراژدانلىق ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، نىكاھ، ئەمگەك، پىلانلىق تۇغۇت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى كەمسىتىش ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قانۇندا ئاياللارنىڭ چۈمبەل تاقىشى ياكى ئەنئەنىۋى دىنىي كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق چۈمبەل ئارتقان، ئەنئەنىۋى دىنىي كىيىملەرنى كىيگەن ئۇيغۇر ئاياللار كەمسىتىشكە ئۇچرىدى.»
بۇ دوكلات ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 20-ئۆكتەبىر باشلانغان 59-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاياللارغا قارىتىلغان كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىغا سۇنۇلغان.
ئىلھام توختىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىندى
تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل غاسپىرالى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» تۈرمىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا بېرىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ئىلھام توختىغا ئىلگىرى «باربارا گولدسمىت يېزىش ئەركىنلىكى» مۇكاپاتى بىرلىگەن ئىدى.
2014-يىلى ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى» بولۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بۇ يىل 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.
تارىم نېفىتلىكىدىن 140 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن
يېڭىدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز 140 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن.
شىنخۇا ئاخباراتنىڭ 29-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى بۇ ھەپتە ئاشكارىلىغان.
تارىم نېفىتلىكى 2004-يىلى تاماملانغان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1-تۇرۇبا لىنىيىسى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
خىتاي ئۆزى تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق يۆتكەلگەن تەبىئىي گازلار خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى 80 شەھەر ۋە 3 مىڭ سانائەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 400 مىليون ئادەمنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
خىتاينىڭ شەرقىدىكى 400 مىليون ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گازلاردىن ئەركىن بەھرىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاران 4 مىليون ئادەمنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر تەبىئىي گازلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى، بۇ 4 مىليون ئادەمنىڭ قانچە پىرسەنتىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.