ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىپ، ئەگەر غەرب خىتايغا بېسىم ئىشلەتمىسە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، غەرب خىتايغا بېسىم ئىشلەتكەندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. بىراق خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە ياكى غەرب ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتمىسە، ئۇ بۇنى ئۆزىگە يېقىلغان يېشىل چىراغ، دەپ قاراپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ خەلقىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى «ئادەم بول» ناملىق قازاقىستان ژۇرنىلىدا قىلغان.
ئۇ مەزكۇر ژۇرنالدا قىلغان سۆزىدە يەنە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقى بىلەن بىرگە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى غەلىبە قىلسا، خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-يىلى لىتۋا، لاتۋىيە ۋە ئېستونىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن كېيىن پارچىلىنىپ، 5 دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مانا بۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 3 رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىكى سەۋەب ئىكەن.