erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقارغان.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشىدىكى تەكشىسىزلىكنى تۈگىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا يېزا نوپۇسنى تەدرىجىي شەھەرلەشتۈرۈش لايىھەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەر يولغا قويماقچى بولغان مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.

رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

19-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئوسلودىكى ئەركىنلىك مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيەگە يېتىپ كەلگەن.

رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالغان.

رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 22-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسارىيەگە يېتىپ بارغان. رابىيە خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ دائىرىلەرنىڭ مىللىي سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان بۇ يەردىكى خىتاي كۆچمەنلىرى توپ-توپى بىلەن يۇرتىغا قايتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە سودا-تىجارەت ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن تەشۋىشكە چۈشكەن.

خوتەندە قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» ھېسابلايدىغان بىر خىتاي سودىگەر مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«ھازىر مەن شىنجاڭنى يۇرتۇمدەك، ئۇيغۇرلارنى دوستۇمدەك ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. شىنجاڭدا سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى ۋە مىللىي زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ھۆكۈمەتنىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى سەۋەب بولدى».

مارالبېشىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئاكا-ئۇكا 4 قېرىنداش ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 12-ئۆكتەبىر كۈنى مارالبېشىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان 4 ئۇيغۇرنىڭ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شۇ يەردىكى مەلۇم بىر يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاكا-ئۇكا تۆت قېرىنداشنىڭ ئىسىملىرى ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 12-ئۆكتەبىر كۈنى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى. ۋەھالەنكى، رادىئويىمىزنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ساقچى ۋە ئاھالىلەردىن 18 كىشىنىڭ، ھۇجۇمچىلاردىن 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە جەمەت بويىچە ئۇيۇشۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا.

دائىرىلەر مەرھۇم سىياسىي مەھبۇس ياقۇپ ئىدرىسنىڭ مېيىتىنى يۇرتىدا دەپن قىلىشقا يول قويمىغان

مەلۇم بولۇشىچە، قاماقتىكى سىياسىي مەھبۇس ياقۇپ ئىدرىس ئۈرۈمچى 4-تۈرمىدە تۇيۇقسىز جان ئۈزگەندىن كېيىن تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ مېيىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان.

مەرھۇمنىڭ غۇلجىدىكى قېرىنداشلىرى مېيىتنى ئۆز يۇرتى غۇلجىغا ئاپىرىپ دەپن قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمە دائىرىلىرى بۇنى رەت قىلىپ، مەرھۇمنىڭ مېيىتىنى ئۈرۈمچى گۆرساي قەبرىستانلىقىغا مەجبۇرىي دەپن قىلدۇرۇۋەتكەن.

مەرھۇم ياقۇپ ئىدرىس ئەسلىدە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات بولۇپ، 1997-يىلى «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ، 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 2011‏-يىلى دىنىي تەبلىغ قىلدى دېگەن سەۋەب بىلەن ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، 2013‏-يىلى 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچى 4-تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ «كېسەللىك سەۋەبى» بىلەن قازا قىلغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرغان.

بۈگۈر ئىسيانى باستۇرۇلۇش جەريانىدا يەرلىك ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىقىپ كېۋەزلىكتە پاناھلانغان

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار ۋە يېڭىسار يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بۈگۈر ئىسيانىنى باستۇرۇش جەريانىدا قارا-قويۇق ئوق چىقارغانلىقى سەۋەبلىك يەرلىك ئاھالىلەر كېۋەزلىككە قېچىپ چىقىپ پاناھلانغان.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئاھالىلەرگە قالايمىقان ئوق چىقارغان. چوڭ يول بويىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئۆيلىرىدە بىخەتەر تۇرالماي، ئوقتىن دالدىلىنىش ئۈچۈن كېۋەزلىككە قاچقان.

بۇ ئەھۋال يېقىندا خوڭكوڭدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى تارقاتقان، دائىرىلەر بۈگۈر ئىسيانىنى باستۇرۇش داۋامىدا ئىسيانغا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىمۇ ئوققا تۇتقان دېگەن خەۋەرنى دەلىللىمەكتە.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يېڭىسار بازىرىدا بىر گۇماندارنى يوشۇرۇندى دەپ قارالغان بىر ئۆينى قارا -قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى، نەتىجىدە شۇ ئائىلىدىكى 14-15 ياشلىق بالىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ خەۋەرنى دەلىللەشكە ئىمكان بولمىغان ئىدى.