duq-jenwe-yighin.JPGد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا. 2013-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ بۇ يەردىكى پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى.

بۈگۈن، يەنى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كاتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات قاتارلىق كىشىلەر، ھەرقايسى كومىتېتلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان 3-بىر دۆلەتكە كېتىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈنكى پائالىيەت توغرىسىدا رابىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.