
ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست مۇئاممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى 10 – ئاينىڭ بېشىدىن 10 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئالغان تەسىراتلىرىدىن ھۆرىيەت گېزىتىدە ئىلان قىلدى. مۇئاممەر ئەلۋەرەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا خەۋەر ئېلان قىلغان ژۇرنالىستلاردىن بىرى، بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ تەسىراتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
– مۇئاممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى، سىز تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەڭ كۆپ خەۋەر يازغان، د ئۇ ق لىدىرى رابىيە قادىر خانىمنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ژۇرنالىست، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەپسىز، تۇنجى قېتىم بېرىشىڭىزمۇ؟ ساياھىتىڭىز قانداق ئۆتتى؟
– تۇنجى قېتىم بېرىشىم. ساياھەت قىلغىلى بارغان ئىدىم. بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە تارتقان رەسىملىرىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قوياي، ۋەتىنىگە قايتالمىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم كۆرسۇن دېدىم ھەمدە ھۆرىيەت گېزىتىدە بۇ ساياھىتىم توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدىم. بەك ياخشى ئۆتتى. مەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. قولۇمدىن كېلىشىچە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا خەۋەر يېزىۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەمدە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى كۆرگەن بولدۇم. بۇ ساياھەت جەريانىدا ئۇنتۇلماس تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.
– سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك، سىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ماقالە يېزىۋاتىسىز، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پۈتۈن يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ خەۋەر يازدىڭىز، بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاننى قانداق ئويلىغان ئىدىڭىز، ئەمەلىيەتتە نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟
– مەن ئەسلىدە ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوتتۇرا ئاسيانىڭ مەلۇم بىر شەھىرىنى كۆرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. پەقەت ئۈرۈمچىنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن چىققاندىن كېيىنكى چىراغلار، يوللار، ھەشەمەتلىك بىنالار، كۆپ قەۋەتلىك يوللار، كۆۋرۈكلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۈرۈمچىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى باشقا شەھەرلەردە كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەممە يەرگە يېڭى بىنالار سېلىنىپتۇ، شەھەر مەركىزىدە مىللىي پۇراققا ئىگە بىنا ۋە بازارلارنى كۆردۈم. مەن چوڭ بازارغا بېرىپ، تۈركىيەدىن كەلدىم دېسەم، ھەممە ئادەم ماڭا كۈلۈمسىرەپ كۈتىۋالدى. بازاردىكى كىشىلەر مەندىن سوئال سوردى، ئاستا – ئاستا گەپ قىلسام، ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى چۈشەندى، مېنى مېھمان قىلدى. ئۇيغۇرلاردىكى بۇ مېھمان دوستلۇق، بولۇپمۇ تۈركلەرگە بولغان بۇ سۆيگۈ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يوق. كىشىلەر قانچە كەمبىغەل بولسىمۇ، مەن تۈرك دېسەم، بىر تىلىم قوغۇننى ماڭا پىچىپ بەردى. مېھمان قىلاي دەيدۇ، مەن بۇنچىلىۋالا بولار دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، بۇلارنى كۆرۈپ راستىنلا ھەيران قالدىم.
– قايسى شەھەرلەرنى ئايلاندىڭىز ؟
– ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق شەھەرلىرىنى ئايلاندىم. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى تارىخى جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىم.
– زىيارىتىڭىز جەريانىدا سىزنى ئەڭ كۆپ تەسىرلەندۈرگەن نېمە بولدى؟
– مەن تۈركىيەدىن كەلدىم، مەن تۈرك دېگەن ۋاقتىڭىزدا ھەر خىل ياردەمنى قىلىدىكەن. قولىدىن كەلگەننى قىلىدىكەن. خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى جۈمە كۈنلىرى ناماز ۋاقتىدا قاتتىق تەدبىر ئالىدىكەن. جۈمە كۈنلىرى ھەممە ئادەم جۇمە نامىزى قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە ئاقىدىكەن. دىنغا بولغان يۈزلىنىش بەكلا كۈچلۈك ئىكەن. جۈمە نامىزىدىن ئىككى سائەت كېيىن مەسچىتنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم، ئۇ يەردە ھىچنەرسە قالماپتۇ. جۈمە نامىزى ۋاقتىدا بىر ۋەقە چىقمىسۇن دەپ، پۈتۈن ساقچىلارنى مەسچىتنىڭ ئالدىغا يىغىدىغان ئوخشايدۇ. دىققىتىمنى تارتقان يەنە بىر نەرسە، ھەر دۈكاندا تۈركىيەنىڭ مېلى بار. تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان گىلەم، رومال، كاستىيۇم، بۇرۇلكا، ھەتتا شىاكالاتلار بار ئىكەن. تۈركىيە بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەت كۆپ تەرەققىي قىلىپتۇ. يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا خىتايلار كىرمەيدىكەن، ھاراق ساتقان بىرمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى كۆرمىدىم. مەن ئىنسانلاردىن سورسام، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.
– ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشتىڭىزمۇ؟
– ئۇيغۇرلار سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىشتىن چېكىنىدىكەن. شۇڭا مەنمۇ بۇ توغرىلىق سۆز ئاچمىدىم. ۋەقە بولۇۋاتامدۇ، دەپ سورىمىدىم. چۈنكى مەن ئايلانغان جايلار چەتئەللىكلەرمۇ بارالايدىغان ساياھەت رايونلىرى، يېزىلاردا، ئارقا كوچىلاردا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنى تازا بىلەلمىدىم. تاكسىچىلارنىڭ كۆپى تۈركچە بىلىدىكەن، بەزى تاكسىچىلار مېنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىمنى ئۇققاندىن كېيىن تاكسىغا پۇل ئالمىدى. بۇ تۈرك سۆيگۈسىگە ھەيران قالدىم.
– سىز، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتناشتىڭىز، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ خەۋەرلەر يازدىڭىز، بۇ زىيارىتىڭىز جەريانىدا بىر توسالغۇغا ئۇچرىدىڭىزمۇ؟
– مەن ھېچ ھىس قىلمىدىم، بەلكى مەن بارغان جايلاردا مېنى كۆزەتكەن كىشىلەر بار بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن رەسىم تارتتىم، نېمىشقا تارتىسەن دېگەن ئادەممۇ چىقمىدى. ئۈرۈمچىدە كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ چوڭ بىر بىناسى بار، خىتاي بايرىقى بار، بىنانىڭ ئالدىدا بىر چوڭ تاش بار. بۇ بىنا دىققىتىمنى تارتتى، رەسىمگە تارتاي دەپ ئاپاراتىمنى توغرىلىشىمغا بىر كىشى «رەسىمگە تارتما»دەپ ۋاقىرىدى. مەن ئۇ ۋاقىراشتىن بۇرۇن تارتىپ بولغان ئىدىم. مەسىلەن، قەشقەردە تارىخى كوچىلارنى رەسىمگە تارتتىم، ھېچكىم بىرنەرسە دېمىدى. قەشقەر نەچچە مىڭ يىللىق شەھەر، بەزى كوچىلارنى چېقىۋېتىپتۇ، ئەمما بەزى كوچىلارنى يېڭىدىن رېمونت قىلىپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىپتۇ، مەن بەك تەسىرلەندىم. ئۆزۈمنى مىڭ يىل بۇرۇنقى قەشقەردە ياشىغاندەك ھېس قىلدىم. بەلكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپتە چېقىشقا ئۇرۇندى، كېيىنچە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى بىلەن چېقىشتىن ۋاز كەچكەن ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلار بەكلا يوقسۇل، ئەمما ئاقكۆڭۈل ئىنسانلار ئىكەن. بالىلار لايلارنىڭ ئىچىدە ئويناۋاتىدۇ.
– ھۆرمەتلىك مۇئاممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى، قىسقىسى، سىز ئۇ يەردە خىتاينىڭ بېسىمى بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟
– 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قەشقەر ھېيىتكاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. مەسچىتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان كىشىلەر بىلەن مۇڭداشتىم. ئۇلار بۇ خىل ۋەقەلەر بولغاندا ساقچى ۋە ھەربىيلەر بىلەن توقۇنۇشتىن ئەنسىرەيمىز دەيدۇ. بۇنداق بىر ۋەقە بولسا ھەممە ئادەم بېسىمغا ئۇچرايدۇ دەيدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەيىرىگە بارسىڭىز، ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىدىكەنسىز. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار راستىن بەكلا بىچارە ئىكەن.