erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

«يەكەن ۋەقەسى» دە ئۆلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرىنى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئېتىۋەتكەنلىكى مەلۇم

«28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ئاخباراتى ئاتالمىش «زوراۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتتى» دەپ خەۋەر قىلغان ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ئەسلى خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئىكەن.

بۇ ئەمەلدارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئىسيانچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. غۇلام توختى نەق مەيداندا قولىغا كاناي ئېلىپ خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە «بىز ئۆزۈڭلارنىڭ ئادىمى، بىزنى ئاتماڭلار» دەپ مۇراجىئەت قىلغان، ئەمما خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ مۇراجىئىتىگە پەرۋا قىلمىغان.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى ئىسيانچىلارنى قورشاۋغا ئالغاندا، غۇلام توختى بىلەن ئابدۇغېنى تۇردىنىمۇ قوشۇپ ئوققا تۇتقان. ئائىلىسىدىكىلەر جەسەت ۋە ئۇلارنىڭ قانلىق كىيىمدىكى ئىزلاردىن ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا 4 پاي ئوق تەگكەنلىكىنى بايقىغان.

خىتاي تەرەپ «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن يېزا ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ھەتتا ئۇلارغا ئاتاپ ماتەم مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى: ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشقان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى 9‏-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان 2014‏-يىللىق دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دىققىتىنى نوقۇل ئامانلىق ھەم ئىقتىسادىي تەدبىرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي نارازى قىلىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن.

دوكلاتتا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، «بۇ ھۆكۈم كومپارتىيەنىڭ سەزگۈر مۇنازىرىلەرگە سەۋر-تاقەت قىلمايدىغانلىقىدىن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان سىياسىتىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلگەن.

د ئۇ ق ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدا قارار ئالغان

د ئۇ ق يىغىن چاقىرىپ، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا قارار ئالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىن 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلغان.

يىغىندا ئىلھام توختى تونۇشتۇرۇلغان كىتابچە تەييارلاپ تارقىتىش، دۇنيا مىقياسىدا «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» تېمىسىدا ئىمزا توپلاش دولقۇنى قوزغاش قاتارلىقلار قارار قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە ئىلھام توختىنى نوبېل، رافتو ۋە ساخاروپ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئىشلەيدىكەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 23-سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.

مالايشىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مالايشىيانى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قايتۇرماسلىققا چاقىردى

دۈشەنبە كۈنى مالايشىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا دائىرىلىرىنى 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان.

مالايشىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ قاتتىق جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئالدىنقى ھەپتە 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر كۇئالالۇمپۇردا قولغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 42 ئەر، 37 ئايال ۋە 76 كىچىك بالا بارلىقى خەۋەر قىلىنغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلار ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5‏-ئۆكتەبىر بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن«بىڭتۇەن ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىنغان. خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا، «يۇقىرى دەرىجىدە تەشكىللىك مەزكۇر يېرىم ھەربىي كۈچ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، زوراۋان تېررورلۇقنى باستۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئويناپ كەلدى» دېيىلگەن.

1954‏-يىلى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش» نامىدا قۇرۇلغان بىڭتۇەن، ھازىر 3 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا، سوت، ساقچى ۋە تۈرمىلەرگىچە بارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ھازىر بولغان ئۇيغۇر ئېلى تېررىتورىيەسىدىكى مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلانغان.

ئامېرىكىدىكى «لاۋگەي فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ خۇڭدا، بىڭتۇەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: بىڭتۇەن شىنجاڭنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ئۇ شىنجاڭ خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان، خەلقنى باستۇرىدىغان بىر قورال، دېدى.