duq-rehberliri-uchrishish.JPGد ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) ئۆمەر قانات ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا ئۇچراشتى. 2014-يىلى 27-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

ئاتاقلىق ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە 10-ئاينىڭ 3-كۈنى د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا مۇئاۋىن رەئىسلەر، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرى، د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى ۋە بەزى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان كىچىك كىتاب تەييارلاپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش، پۈتۈن دۇنيادا «ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك» تېمىسىدا ئىمزا قويۇش دولقۇنى قوزغاش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا «ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلسۇن» تېمىسىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش. بۇلارنىڭ سىرتىدا ئىلھام توختىنى نوبېل، رافتو ۋە ساخاروپ ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش، ئىلھام توختى توغرىسىدا دوكلاتلارنى تەييارلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىن توغرىسىدا بىزگە مەلۇمات بەرگەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركېل بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئۇچرىشىۋاتقاندا گېرمانىيە ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ باشلايدىغانلىقىنى، نامايىشتا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.