2014.10.04

چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرى بىرلەشمە بايات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت يازغۇچى تەنزىن دورجې ۋە ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى دوكتور ياڭ جيەنلى قاتارلىق بەش كىشى ئىمزا قويغان بايانات 3-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىندى.

باياناتقا يەنە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئەنغەباتۇ توگوچوگ ۋە خىتاي ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ قاتارلىقلارمۇ ئىمزا قويغان.

باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ھەممىمىز ئۆز ھاياتىمىزنى خەلقلىرىمىزنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بېغىشلىدۇق. بىز خوڭكوڭ خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئاقلىماي كىشىلەرنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا سۈكۈتتە تۇرمىغانلىقىغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خوڭكوڭ خەلقى ئۆزىگە تېڭىلغان ساختا دېموكراتىيىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلغانغا ئوخشاش، بىز تىبەت، ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇل ۋە خىتاي خەلقلىرى نېگىزلىك ئىنسانىي ھوقۇقلىرىمىزغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەرنى كەسكىن رەۋىشتە رەت قىلىمىز.

خوڭكوڭ خەلقى 2017-يىللىق خوڭكوڭ سايلىمىنى ئەركىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ بىر ھەپتىدىن بايانات نامايىش قىلماقتا ئىدى.