2014.10.04

ئاۋسترالىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى «ABC»  تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىم خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان. دائىرىلەر تېلېۋىزىيە شىركىتىگە مەزكۇر فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە تەھدىت ئىشلەتكەن.

«ABC»شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ستېفېن مكدونېل تەرىپىدىن ئىشلىگەن «باستۇرۇش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم 30-سېنتەبىر پۈتۈن ئاۋسترالىيەدە تارقىتىلغان.

فىلىمدە ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ قۇمۇل، ئۈرۈمچى،  تۇرپان، خوتەن، يەركەن ۋە قەشقەرلەردە  كۆرگەنلىرى، ئۇ نەگە بارسا خىتاي مەخپىي خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈۋالغانلىقى، ھەتتا ئۇ چۈشكەن مېھمانخانا ۋە ئۇ ياتقان ياتاقنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىدەك جەريانلار قىزىقارلىق سۈرەتلەنگەن.

«سىدنېي سەھەر خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  خىتاي دائىرىلىرى «ABC» تېلېۋىزىيىسىگە يوللىغان ئۇچۇرىدا ئەگەر بۇ فىلىم قويۇلسا ئاۋسترالىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ABC» تېلېۋىزىيىسى «چەتئەل مەكتۇپلىرى» سەھىپىسىنىڭ باش فىلىم ئىشلىگۈچىسى ستېۋ تايلورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغاندىلا خىتاي دائىرىلىرى پىكىر بىلدۈرۈشكە باشلىغان ئىكەن.

ھالبۇكى، شىركەت مەزكۇر فىلىمنى ئۇتۇقلۇق سۈرەتكە ئېلىپ 30-سېنتەبىر تارقاتقان.

2009-يىللىق مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلۇش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ، مەزكۇر فىلىمنى فېستىۋالدىن ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي فىلىم فېستىۋالىدا  قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋەتلىرى بىر مەزگىل سوغۇقلاشقان ئىدى.