
خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى
خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
30- سېنتەبىر، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىدى.
ۋاشىنگتون ئەتراپىدىن كېلىپ توپلانغان 100 گە يېقىن نامايىشچى شوئارلارنى توۋلاپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان تەشكىلات رەئىسى ئالىم سېيىتوف خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
بۇ خىلدىكى نامايىشلار كانادا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.
كانادادىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىگۈچە بۇ خىلىدىكى نامايىشلارنى توختاتمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم: خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدۇ
د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيانىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىگە كەسكىن ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خوڭكوڭ خەلقى ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن داۋام قىلىۋاتقان بۇ قېتىمقى نامايىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور روھىي ئوزۇق بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنى تېخىمۇ ئاچىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتقان ھازىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنيا ئاللىقاچان ئۇقۇپ بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ خوڭكوڭدا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇنيا ئۇكرائىنا ۋەقەسىگە قانداق ئارىلاشقان بولسا، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە شۇنداق ئارىلىشىشى كېرەك.
نۆۋەتتە، نامايىشچىلار خوڭكوڭدىكى بىر نەچچە خىزمەت بىناسىنى قورشىۋالغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئېجرائىيە كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاينى ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى شەرود براۋن باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ئۇيغۇر مىللىتى يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازالىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كرىستوفېر سمىس ئۆز باياناتىدا، ئىلھام توختى سوتىنىڭ خىتايدىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىلھام توختى 23- سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان، بۇ غەرب ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
يوپۇرغا ناھىيىسىدە بىر ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇن تۈرمىدە ئۆلگەن
يوپۇرغا ناھىيىسىدە بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن سىياسىي تۇتقۇننىڭ 24 ياشلىق داۋۇت ساۋۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، داۋۇت ساۋۇت يوپۇرغا ناھىيە يوپۇرغا بازىرىنىڭ 7-كەنت 7-مەھەللە ئەزاسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانچىلىقتىن باشقا قوشۇمچە ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان داۋۇت ساۋۇت، قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلاش ۋە تارقىتىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان.
داۋۇت ساۋۇت تەۋە بولغان كەنت سېكرېتارىنىڭ ئېيتىشىچە، رامزاننىڭ ئالدىدا 7-كەنتنىڭ ئۆزىدىنلا 44 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەزكۇر گۇمان بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېلىھەم يوپۇرغا قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
دىنىي ئۆلىمانىڭ ئەڭ ئاخىرقى تالىپلىرىدىن بىرى ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان
ئىگىلىشىمىزچە، مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تالىپلىرىدىن بىرى-ئابلىكىمخان بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىمخان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 40 ياشلاردىكى ئابلىكىمخانمۇ قاغىلىقتىن بولۇپ، 1980-يىللاردا مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قېشىدا تەلىم ئالغان. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇ كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆپ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن. كېيىنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ كۈن كۆچۈرگەن. ئابلىكىمخان ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان تازىلاشتا ئۈرۈمچىدە يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.
ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلار ئارقىلىق ئابلىكىمخاننىڭ بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قاغىلىق ناھىيەلىك تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن.