duq-rehberliri-uchrishish.JPGد ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) ئۆمەر قانات ئەپەندى، رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا ئۇچراشتى. 2014-يىلى 27-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋاشىنگتونغا جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، باش كاتىپ نۇرمەمەت مۇساباي ۋە بەزى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەر ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئەكېتىش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. بۇلاردىن باشقا د ئۇ ق نىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بېلگىيەدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەييارلىق خىزمەت تەقسىماتى قىلىندى.

بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بەزى مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.