2014.10.02

بۈگۈن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خوڭكوڭدىكى نامايىشلار غەلىبە قىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە خوڭكوڭدىكى نامايىشلار خەلقئارا تەرىپىدىن كۆزىتىلىۋاتقان بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «سوتسىز ئۆلۈم» سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خوڭكوڭلۇقلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىگە 1997-يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغاندا ۋەدە قىلغان دېموكراتىيىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلماقتا. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەتكە ئولتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق سىگنال بەرمىگەن ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە يامراپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق ۋە خاتا سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ھازىر ئاپتونومىيىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى يوقلۇقىغا ئىشىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.