دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، 1-ئۆكتەبىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «[خىتاي] شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىشى» نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتقا قارىغاندا، نارازىلىق نامايىشلىرى 1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىق ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 59 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى نارازىلىق نامايىشى 30-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، تۈرمىگە تاشلانغان ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان ئىدى.
باياناتتا بۇ قېتىمى نامايىشنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغان، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر مەزگىلدە كۈتۈۋالغان ئىدى.