2014.09.30
amerika-uyghur-1-oktebir-namayish.jpgۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. 2014-يىلى 30-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

30‏-سېنتەبىر كۈنى يەنى خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلىدى.

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىن كېلىپ توپلانغان 100 گە يېقىن نامايىشچىلار غەزەپلىك شوئارلارنى توۋلاپ خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى، تەشكىلات رەئىسى ئالىم سېيىتوف نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە توختالدى. باياناتتا ئالدى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

باياناتتا، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان چاغدا، يالغۇز بىر مىللەتنىڭ، يەنى خىتاي مىللىتىنىڭ دۆلىتى دەپ قۇرۇلغان ئەمەس، بەلكى، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك بىر دۆلەت دەپ قۇرۇلغان؛ شۇنداقلا، خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلگەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىدى دېگەندە، خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىغا، يەنى ئەركىنلىك، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك دېيىلگەن.

ئالىم سېيىتوف باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى بىلەن ئەركىنلىك سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتىنى ئېرىتىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ يەنە تىنچلىق سۆيەر ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى قوللىنىۋاتقان دۆلەت تېررورى بىلەن، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە يىقىلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۈگۈن يەنە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭمۇ 59 يىللىقى. شۇڭا بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتاينى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇنى دەپسەندە قىلماسلىققا چاقىردى.

نۆۋەتتە، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ قەغەز يۈزىدە قېپقالغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغان نامايىشچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا، خىتاينىڭ مەرھەمىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى قانلىق جەڭلەردىن كېيىن ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى سابىق شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۈگۈنكى بۇ نامايىش، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە خىتاي بۈگۈردە 40 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. شۇڭا بۈگۈنكى نامايىشتا، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازا ۋە بۈگۈردىكى قانلىق باستۇرۇشقىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.