
مەلۇمكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلدىن بۇيان بۇ كۈننى ئۆزىنىڭ مىللىي بايرىمى سۈپىتىدە ئاتاپ كەلمەكتە. خىتايدا بۇ كۈنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس پەرمانى بىلەن ئەلنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرى زىننەتلىنىپ، بايراملىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈش ئادەتكە ئايلانغان. ئەمما خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ماتەم كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 29-سېنتەبىردە، ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى كافىيخانىلىرىنىڭ بىرىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنى ئەسلىدى. شەھەرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك شەخسلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ھامىيلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمى ئادەتتىكىدەك، قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم ئۆزىنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ، ئادالەتلىك ئۈچۈن جېنىنى قۇربان بەرگەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئاققان قانلىرىنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقى، مۇستەملىكىچى خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكى، پات يېقىندا ئۇنىڭ سۆزسىز گۇمران بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە بەخت-سائادەت تىلىدى.
ئاندىن سۆزگە چىققان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇشۇنداق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇمكىنچىلىك يارىتىۋاتقان قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يېقىندا مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسى، ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارى ۋە خەلقئارادىكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ دانا سىياسىتى ئارقىسىدا بىرىنچى نۆۋەتتە مىللىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا كۆپلىگەن ساخاۋەتلىك ئىشلارنىڭ بېشىدا كېلىۋاتقان يىگىت باشلىرىنى قوللاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئوخشاش مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ساۋۇت ئىسكەندەروف، يادىكار سابىتوف، مالىك سادىروف قاتارلىق شائىر ۋە ژۇرنالىستلار ئۆز سۆزلىرىدە، بولۇپمۇ ئىلھام توختىنىڭ قانۇنسىز سوتلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىش لازىملىقىنى، ۋەتىنىدە مىللىي، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا دائىم ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا چەك قويۇلۇشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مۇراسىمدا سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇئاۋىنى ئاسىيەم تۇردىيېۋا ۋە باشقا ناتىقلار بىرلىك، ئىتتىپاقلىق قەدرىيەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۆلگۈنچىلىككە، ساتقۇنلۇققا، پەرۋاسىزلىققا قاتتىق رەددىيە بەردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھىرى تۇرغۇنى قۇرۋانجان تۇرغانوف مەزكۇر مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.