erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

بۈگۈردىكى پارتلاشلارنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىسيان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

بۈگۈردىكى زەنجىرسىمان پارتلاشنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىسيان ئىكەنلىكى، ۋەقەنىڭ قانلىق باستۇرۇلغانلىقى، ۋەقەدە جەمئىي 52 ئادەم ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى تۇنجى خەۋىرىدە ۋەقەدە پەقەت ئىككى كىشى ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 21-سېنتەبىر 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۈگۈرنىڭ ئۈچ يېزا-بازىرىدىكى 7 يەردە خىتاينىڭ ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ھۇجۇم بىر ئىسيان شەكلىنى ئالغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ۋە ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن.

ئىلھام توختى خىتاي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان

سەيشەنبە كۈنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان.

بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نارازىلىق ئەرزى جەمئىي 15 بەتلىك بولۇپ، ئىلھام توختى ئەرزنامىگە قول قويغان.

نارازىلىق ئەرزىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «كەمىنە ئەرز قىلغۇچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ (2014-يىل) 129-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىگە قايىل ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى دۆلەتنى پارچىلار جىنايىتى ئۆتكۈزمىدىم، دەپ تونۇيمەن ۋە ھۆكۈمنامىنىڭ دەرھال گۇناھسىز، دەپ ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوتتۇرا مەھكىمىدە ئېچىلغان سوتتا «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى دادىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئوباما ئىلھام توختىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

23‏-سېنتەبىر «كلىنتون يەر شارى فوندى» دا نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما يەنە، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئەركىن ياشاشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىلھام توختىغا ئوخشاش پۇقرالىق جەمئىيىتى رەھبەرلىرى خىتايدىكى مىللەتلەر-ئارا زىددىيەتلەرنى پەسەيتىدىغان كۈچ ئىدى. ئۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەك.

ئوباما يەنە ئىلھام توختى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ھەققىدە توختىلىپ: ئۇلار ئەركىن ياشاشقا ھەقلىق، ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، دېدى.
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي قاتارلىق ئورگان ۋە شەخسلەر ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم ھەرقايسى ئەللەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرىنى قوللاشقا چاقىرغان

19-سېنتەبىر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى قوللاشقا چاقىرغان.

«يېڭى دۇنيا ئالىي يىغىنى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر يىغىن دۆلەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئالىي يىغىنى ئىكەن.

بۇ يىغىنغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

رابىيە قادىر خانىم نۇتقىدا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىشقا ئۈندىگەن.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر يىغىغا قاتنىشىشى ئىكەن.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 25-سېنتەبىر رەسمىي باشلاندى.

مەزكۇر يىغىن مۇشۇ مەزمۇندا ئامېرىكىدا چاقىرىلغان كۆلىمى ۋە چېتىشلىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولغان تۇنجى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىن ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشماقتا.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شاۋن روبېرتس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەركىنلىك سارىيى پرېزىدېنتى داۋىد كرېيمېر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى تى كۇمار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇلار سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى مىسلىسىز كۈچەيگەن ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ، ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا تونۇشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتى ۋاشىنگتوندا بىخ سۈرمەكتە

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن تۇنجى پۇتبول كۇرسى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىرگىنىيە شتاتىدا باشلاندى. ئۆسمۈرلەر كۇرسنىڭ خالىس مەشقاۋۇلى جۈرئەت زاھىرنىڭ يېتەكلىشىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ماھارەت مەشىقى قىلىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن تۇنجى پۇتبول كۇرسى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋىرگىنىيە شتاتىدا باشلاندى. ئۆسمۈرلەر كۇرسنىڭ خالىس مەشقاۋۇلى جۈرئەت زاھىرنىڭ يېتەكلىشىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت ماھارەت مەشىقى قىلىدىكەن.

ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياش پۇتبول ھەۋەسكارلىرى 2005-يىلى «ئۇيغۇر بىرلىكى» پۇتبول كوماندىسىنى قۇرغان ئىدى.

ترېنېر جۈرئەت زاھىر ئەسلى ئۇيغۇر ئېلى كەسپىي كوماندىسىنىڭ سابىق پۇتبولچىسى ئىدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كۇرس ئارقىلىق ئامېرىكا «ئۇيغۇر بىرلىكى» پۇتبول كوماندىسىغا ئىزباسار تەربىيىلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.