xelqara-uyghur-tarixi-medeniyiti-we-jemiyiti-tetqiqati-shawn.jpgئۇيغۇرشۇناس شاۋن روبېرتس ئەپەندى تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 2014-يىلى 25-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.

25-سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان مەزكۇر يىغىن ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلار، ئالىملار ۋە ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شاۋن روبېرتس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ باشلىقى داۋىد كرەيمىر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى تى كۇمار ئەپەندى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇلار سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى مىسلىسىز كۈچەيگەن ۋەزىيەتتە ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ، ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا تونۇيۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشتى.