بۈگۈن، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتى تەتقىقاتى»ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رەسمىي باشلاندى.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋرۇ-ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان. 27-سېنتەبىر كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، رۇسىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچى، ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شاۋن روبېرتس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ شەرەپ مېھمانلىرى سۈپىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەركىنلىك سارىيىنىڭ باشلىقى داۋىد كرەيمىر، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باشلىقى تى كۇمار ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سۇ گۇناۋاردىنا خانىم، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى خالۇق ئاھمەت گۈمۈش ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مېھمانلار بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمى مىسلىسىز كۈچەيگەن، تېخى ئىككى كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.