
رابىيە قادىر خانىم ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ دامىغا چۈشمەسلىككە چاقىردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، خىتاينىڭ دامىغا چۈشمەسلىككە چاقىردى.
ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «سۈرىيە، شام ئىسلام دۆلىتىگە» چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇيغۇرلار ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن باشقا بىر غايە ئېقىمىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۇتقۇنلارنىڭ راستىنىلا بىر غەيرىي مىللىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
شۇڭا رابىيە خانىم ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ۋەزىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا ۋە 4 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.
ئىلھام توختى ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلدى
ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوت 18-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتى. سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىدى. ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىنكى مۇنازىرىدە ئىلھام توختىغا بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلگەن.
ئۇ ئۆزىگە ئارتىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى رەت قىلغان، شۇنداقلا سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئادۋوكاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىغا «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايەت گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرۇش»، «تورىدا بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىش» قاتارلىق 8 تۈرلۈك جىنايەت ئارتىلغان.
ھالبۇكى، ئىلھام توختى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دەلىل-ئىسپاتلىق رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئادۋوكاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئەيىبنامىدە كۆرسەتكەن ئاتالمىش «جىنايىتى پاكىتلار» پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن.
يەنە 4 ئۇيغۇر «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىندى
17-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى يەنە 4 ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 10 يىلدىن 20 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
سوت يۈننەندە ئېچىلغان بولۇپ، سوت دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ۋە يۈننەنلەردە بومبا ياسىغانلىقى ۋە «جىھاد» قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىگە ئالاقىدار ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىلمىگەن.
خىتاي سوتى تېخى ئالدىنقى ھەپتىدىلا كۈنمىڭ ۋوگزالىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان ۋە بۇلارنىڭ 3 نەپىرىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئىدى.
جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى تاكتىكىسى: «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش»
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 13-سېنتەبىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەسئۇل كادىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەن.
خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەس-بەستە نەقىل ئالغان بۇ كەلىمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ھەر ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن.
جاڭ چۈنشيەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خوتەن رايونىدا گۇماندارلارنى قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە نۇرغۇنلىغان تىپىك ئۈلگىلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال-تەمسىل بار، ئۇ بولسىمۇ «ئۆز يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش» دېگەن.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان ياتلارنى ئىدارە قىلىشتا قوللىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكىدىكى كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن مەيلى «ياغ» ياكى «گۆش» بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئوخشاش قىسمەتتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سىرلىق سوتى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى
ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈستىدىن ئاچقان سوتتا نە مەھبۇسلارغا، نە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
11- ئىيۇل ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، دىليار ئوبۇل ۋە مۇھەممەت سىدىق قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۈرۈمچىدە سوتلانغان ئىدى.
نەق مەيدان سوتىغا قاتناشقان ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۇغقىنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوتتا ئۇلارنىڭ پەقەتلا سوتچى ۋە ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا «ھەئە!» ياكى «ياق!» دەپ جاۋاب بېرىشىگە رۇخسەت قىلىندى. ھەتتا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقىمۇ سوتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا گەپ قىلىدىغان پۇرسەت بېرىلمىدى. گەپنىڭ ھەممىسىنى سوتچى، مۇئاۋىن سوتچى ۋە ئەيىبلىگۈچىلەر قىلدى ھەمدە قوللىرىدىكى تەييار يېزىۋالغان نەرسىلەرنى ئوقۇدى. سوت ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.
سوتتىن كېيىن دائىرىلەر ئۇلار ئۈچەيلەننى ليۇداۋان تۈرمىسىدىن مىچۈەن تۈرمىسىگە يۆتكىگەن. ئۇلار مىچۈەن تۈرمىسىگە كۆچۈرۈلۈپ ھازىرغىچە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار ئۆتكەن يىلى 20 – ئاۋغۇست تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
قەشقەردە خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىنى ئۇيغۇرلار پىچاقلىق ھۇجۇم بىلەن كۈتۈۋالغان
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە تاۋۇز چاغىنىنى قۇتلۇقلاۋاتقان مەزگىلدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ ئاخبارات ۋە ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى قاتتىق سىر تۇتقان.
ئاشكارىلىنىشىچە، 7-سېنتەبىر كەچتە چاسا باشقارما تەۋەلىكىدە ئىككى كىشى پىچاقلىق ھۇجۇم زەربىسىدە ئۆلگەن. ھۇجۇمچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغاندا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن.
قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەشۋىقات بۆلۈمى شۇ كۈنى كېچىدە ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتتىكى نۆۋەتچى خادىملارغا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بىر قىسقا ئۇچۇر تارقاتقان. ئۇچۇرنى قول تېلېفونى ئارقىلىق كۆرگەن بىر نۆۋەتچى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن.
ھالبۇكى، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى قەتئىي رەت قىلدى.