
د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى تەبرىكلىدى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىپ كەتكەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە بولسا 60 يىلدىن بېرى مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق ھالدا قۇچاق ئېچىپ كېلىۋاتقان قېرىنداش بىر دۆلەت. تۈركىيە ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۇنجى قېتىم 1949 -يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر قالغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى 1820 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلغان.
سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ۋاقىتلىق توختىغان بولسىمۇ 1982-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قايتا تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن باشلاپ، تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بۈگۈن ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ ياردەم تەلەپ قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پەرىشان ھالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قېرىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.