
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىغا ئائىت يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 9-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا تىنچلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى: دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ياۋروپا پارلامېنتى، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاتاقلىق ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ھەم سابىق دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇپ 3000 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.
مەزكۇر يىغىندا پىكىر بايان قىلغان رابىيە قادىر خانىم بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئەيىبلىدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشىنى توختىتىشقا چاقىردى. رابىيە قادىر خانىم يىغىن جەريانىدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ ئىككى ئورگىنى ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، 9-ئاينىڭ 1-2 -كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھوقۇقى ئالىي كومىتېتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلار كومىتېتى بىرلىكتە چاقىرغان «مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» نامىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىپ، ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قانداق قوغداش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جىددىي چارە-تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى.
ئۇ، يەنە مالايشىيا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنى خاتىرىلىدى
27-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۈرۈمچىدە 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىق 5 كىشىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ پائالىيەت ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلغان. يىغىنغا يەنە 1949-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالاقىچىسى 99 ياشلىق دېڭ لىنچۈنمۇ خەت ئەۋەتكەن.
خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن سۆزىدە ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىق كىشىلەرنى «ئەينى چاغدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە قىيىن ئەھۋالدا تارىخىي ئېقىمغا ماسلىشىپ، توغرا مەيداندا تۇرغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغان، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىنى توغرا يولغا سالغان» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەمما، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان شاھىتلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بېرىدىغان باھاسى بۇنىڭ ئەكسىچە ۋە پەرقلىقتۇر.
ئۇيغۇر تارىخچى ۋە سىياسىيونلىرى بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ۋاپاتىنىڭ 65 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا كۈچلۈك سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىدېئولوگىيە كۈرىشى نىشانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاق بەگ مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئېلىخان تۆرە رەئىسلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي-سىياسىي رەھبەرلىرى ئىدى.
سوۋېت ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى بىردەك ھالدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە بېيجىڭ سەپىرىدە ئايروپىلان قازاسى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلاب شاھىتلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ كەلمەكتە.
قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن
ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2014-يىلى 7-ئايدا، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى 4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىلتىماس قىلىنغان تۈرلەر ئىچىدىن قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 3-سېنتەبىر كۈنى، خىتاي ۋە قازاقىستاننىڭ قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ۋە قازاقىستان قازاق تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارالاشقان تەرەققىيات مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
ئەمما، ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ ئىلگىرى مەزكۇر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى كىرگۈزۈلمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، سىستېمىلىق بىر مىللىي تېبابەت ئىكەنلىكى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، كۆپ جايلاردا مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى قۇرۇلغان ۋە مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىي ئالىي تېخنىكومى تەسىس قىلىنغان ئىدى.