ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا تىنچلىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان «ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى: دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئەزالىرى، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ئىراقنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى تارىق ئەل ھاشىمى، ئالجىرىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى سېيىت ئەخمەت گوزالى، ئىرانلىق داڭلىق ئايال پائالىيەتچى مەريەم راجاۋى ۋە سۈرىيەدىن كەلگەن ئۆكتىچىلەردىن بولۇپ 3000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيادا بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن يىغىننىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.