erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ئېتان گۇتمان خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئورگانلىرى تىجارىتى ھەققىدە دوكلات بەردى

12‏‏-ئاۋغۇست، كانادالىق ژۇرنالىست، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتىن گۇتمان ۋاشىنگتوندا دوكلات بېرىپ، خىتايدا ئادەم ئىچكى ئورگانلىرىنى يۆتكەش تىجارىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئىلىدا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇتماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئورگانلىرىنى يۆتكەش ئوپېراتسىيەسى 1994-يىللاردىلا باشلانغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيە 1997‏-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىشلىق سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان.

ئېتىن گۇتمان بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا قىلدى. بۇ يىغىن گۇتماننىڭ «قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان. گۇتمان كىتابىدا، خىتايدىكى ئادەم ئىچكى ئەزالار تىجارىتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ بىڭتۇەن سوتى 25 ئۇيغۇرنى سوتلىدى

8-ئاۋغۇست، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-دېۋىزىيە ئوتتۇرا سوتى 25 نەپەر ئۇيغۇرنى سوتلاپ، مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان.

مەھكۇملار «جامائەت» نامىدىكى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھ تەشكىللەش، بۆلگۈنچىلىككە، رادىكاللىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تېررورلۇق ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىش، تېررورلۇققا مەبلەغ توپلاش، تېررورلۇق مەشىقى قىلىش، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەھكۇملارنىڭ 2 نەپىرى ئايال بولۇپ، ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق، ئەڭ يۇقىرىسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.

يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىڭتۇەن سوتىدا سوتلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق پائالىيەتلىرىنى باستۇرماقتا.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

12-ئاۋغۇست، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار كامبىرا شەھىرىگە جەم بولۇپ، 28‏-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە سىياسەتچىلىرىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا ۋە ئارىلىشىشقا چاقىردى. نامايىشچىلار ئاۋسترالىيە پارلامېنت بىناسىدىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يۈرۈش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن، قاراقاش ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن ئەلا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئاۋسترالىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى.

خىتاي ئېلىشقۇ ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئالدى

خىتاي دائىرىلىرى توردا خەۋەر تارقىتىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يەكەن ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ۋە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشنى قولغا ئالغان.

دائىرىلەر، 22 ياشلىق ئابابەكرى رېھىمنى چەتئەل تور بەتلىرىگە خەۋەر يوللاپ، «پىتنە-ئىغۋا» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى 28‏-ئىيۇل ئېلىشقۇدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 30 نەچچە نەپىرى خىتاي، قالغىنى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى «تېررورلۇق»دەپ ئېلان قىلغان. بىراق ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. ئابابەكرى رېھىم، خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ 28‏-ئىيۇل ئېلىشقۇدىكى بىر ئۆيدە تەرەۋىھ نامىزى ئوقۇۋاتقان ئاياللارنى ئوققا تۇتۇپ، 50 تەك ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا پالاتاسى خىتاينى ئىلھام توختىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شېرود بروۋېن بىلەن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان.

شېرود بروۋېن ۋە كرىستوفىر سىمىس باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا چۈشەنچە ۋە دىئالوگ قۇرۇش تىرىشچانلىقىنى مەدھىيىلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شېرود بروۋېن ۋە كرىستوفىر سىمىس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى.

ئۇلار باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ تەھدىت ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك قۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىگە قامايدىغان ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىدىغان پائالىيەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلار غىيابىي جىنازە نامىزىدىن كېيىن رابىيە خانىمنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى

10‏-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى بىر تۈرك مەسچىتىدە توپلىنىپ، 28‏-ئىيۇل يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ غىيابىي جىنازە نامىزىنى چۈشۈردى.

مەزكۇر پائالىيەت د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. رابىيە قادىر خانىم غىيابىي جىنازە نامىزىدىن كېيىن، مەسچىت يېنىدىكى مەركىزىگە توپلانغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسىگە خەت يېزىشقا، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىلىدىكى قىرغىنچىلىققا قوزغاشقا، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 28‏-ئىيۇل «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە 96 ئادەم ئۆلگەن. بىراق رابىيە قادىر خانىم، ئاز دېگەندە 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.