qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpgكوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە دۇنيانىڭ، شۇ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئاينىڭ 28-ۋە 29-كۈنلىرى يەكەن شەھىرىدە ئورۇن ئالغان قىرغىنچىلىق ھەم شۇنداقلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرى خىتاينىڭ ھەر قانداق ئاخبارات چەكلىمىلىرىگە قارىماي، بارا-بارا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارا بولماقتا.

بۇنى مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەرمۇ ئىسپاتلاۋاتىدۇ.

بېيجىڭ خىتاي جامائەتچىلىك پىكرى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا

رۇسىيەنىڭ «نېزاۋىسىمايا گازېتا» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇلاھىزىچى ۋلادىمىر سكوسىريېفنىڭ «شىنجاڭ قاينىماقتا. بۆلگۈنچىلەر ھاكىمىيەتنى قوللاۋاتقان خىتايلارنى ۋە ئىماملارنى ئۆلتۈرمەكتە» ناملىق ماقالىسىدە خىتاينىڭ نېفىت، گاز ۋە كۆمۈرگە باي رايونى ھېسابلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى كەسكىنلەشكەنلىكى ھەم ئومۇمەن ئا ق ش ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىرىلىشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالە ئاپتورى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا، 28-ئىيۇلدىكى ۋەقەنى گويا ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھەم شۇنىڭ نەتىجىسىدە تىنچ ئاھالىنىڭ زەرداب چېكىپ، ئەتراپقا كۆپ مىقداردا زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئاندرېي كارنېيېفنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قىلغاندەك، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق دىنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بىردە قىسىش، بىردە نارازىلىق ئوتىنى پۇل بىلەن بېسىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئورناتماقتا. ش ئۇ ئا ر دا ھازىر رادىكاللار بىلەن بولغان كۈرەشتە كۈچ قوللىنىش ئۇسۇللىرىغا تايانماقتا. بۇ يەردە بېيجىڭ خىتاي جامائەتچىلىك پىكرى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچرىماقتا. نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ھەرىكەت ئەمەلگە ئاشقاندىلا تور بەتلىرى جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەلەپلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ. ئەمما رەھىمسىزلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رادىكال كەيپىياتتىكىلەر سانىنىڭ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كەلمەكتە. دېمەك مۇزاكىرىمۇ ھاجەت. لېكىن مەسىلىنى تېز ھەل قىلىش كۆرۈنەر ئەمەس.»

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىمۇ قايتىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەركىزىي ئاسىيادىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەزكۇر رايون مەملىكەتلىرىگە، رۇسىيە ۋە خىتايغا دىنىي رادىكاللىققا قارشى كۈرەشنى بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىشى لازىمدۇر. مۇنداق بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە كۆزدە تۇتۇلغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا ئاخبارات تارقىتىلماقتا. لېكىن قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇستەقىل مەملىكەتلەردىكى ئىسيانلارنى بېسىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتقا ئۈمىد قىلىشقا بولمايدۇ.» ۋ. سكوسىريېف ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەخپىي ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ شىمالىي كاۋكازدىكى ئىسيانكارلارغا ئوخشاش كۈرەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى تەرەپدارلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا يوشۇرۇنۇپ، تالىپلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.

كېلەچەكتە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆچۈش ئېھتىماللىقى بار

«سېنتىر ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا بېسىلغان «كۆتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ياردەم ئالماقچى. خىتايغا چەتئەلدىن ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ كىرىپ كېلىشى خەۋپ تۇغدۇرماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئولگا كۇزنېتسوۋامۇ مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پىكرىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارا-بارا كەسكىنلىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ رامىزان بايرىمى مەزگىلىدە قۇربان بولغانلار سانىنىڭ ھەتتا 2009-يىلقى ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان مۇنچىلىك دەرىجىدە كۆپ بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا تايىنىدۇ. مۇلاھىزىچى شۇنداقلا يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورلۇق ھەرىكەت دەپ قاراپ، ئۇنى ھازىرچە ھېچ كىمنىڭ ئۆز ھۆددىسىگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە خىتايشۇناس يۇرىي تاۋروۋسكىينىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ رېئال شتابى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا كۆچۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

چەكلىمىلەر ھەددى-ھېسابسىز ئېشىپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ «ۋېلىكاي ئېپوخا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار خىتايدا مىڭلىغان مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى كېرول ۋىكېنكامپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى يورۇتۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىدۇ. كېرول ۋىكېنكامپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايرىمى رامىزان ۋاقتىدا خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدا روزا ۋە باشقىمۇ دىنىي ئەنئەنىلەرنى، شۇنداقلا دىنىي كىيىملەرنى كىيىشنى، سەپەر ۋە ئۇچرىشىشلارنى مېنى قىلىپ، چەكلىمىلەرنى تېخىمۇ قىسىۋەتتى. شىنجاڭدىكى زۇلۇمنى توختىتىشنى ئويلىغان دائىرىلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن چەكلەشلەرنى كىرگۈزدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە 43 ئادەم ئۆلگەن ئۈرۈمچى بازىرىدىكى قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتمەكتە. رامىزان ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا روزا تۇتۇشنى مېنى قىلدى. بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن مەجبۇرلاپ تاماقلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان.» ماقالە ئاپتورى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى قوللىغانلارنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بەزى ھەرىكەتلەرنىڭ زەرداب چەككەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچىنى ئېلىش مەقسىتىدىمۇ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئەلدىكى چەكلىمىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.