ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، 10-ئاۋغۇست ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائېتىگە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە خەت يېزىشقا، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ئىلىدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قوزغاشقا، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى يېزا، كەنتلەردە ياشانغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا مەجبۇرىي كالتەك-توقماق تۇتقۇزۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولۇپمۇ دىنىي قارىشى كۈچلۈك ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇ، خىتاينىڭ باستۇرۇش نىشانى ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆزلەرنى يەكەن 28-ئىيۇل «ئېلىشقۇ ۋەقەسى»دە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غىيابىي جىنازە نامىزىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتىدە قىلدى. ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر تۈرك مەسچىتىدە قىلىنغان غىيابىي جىنازە نامىزى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
غىيابىي جىنازە نامىزىدىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم مەسچىت يېنىدىكى تۈرك پائالىيەت مەركىزىگە توپلانغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائەت مەنسۇپلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 28-ئىيۇل «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە 96 ئادەم ئۆلگەن. بىراق رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلاردىكى قىرغىنچىلىقىدا ئاز دېگەندە 2000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.