erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەكەندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە، مەرىيلەن شتاتلىرى ۋە پايتەخت ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 3-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەشكىللىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەكەن ۋە باشقا جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، مىڭلارچە بىگۇناھ خەلقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ساقچىلىرى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق يېزىسىدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرى روزا ھېيت ھارپىسىدا توقسۇ ناھىيەسىنىڭ تاشئېرىق يېزىسىغا قاراشلىق يېڭىئاۋات كەنتى بىلەن يۇلتۇزباغ يېزىسىغا قاراشلىق غولئېرىق كەنتلىرىدە قوراللىق باسقۇن ئېلىپ بارغان.

25‏-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان يېڭىئاۋات كەنتىدىكى قوراللىق باسقۇندا ئاز دېگەندە 11 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 28‏-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان غولئېرىق كەنتىدىكى باسقۇندا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

رادىئومىز يەرلىك دائىرىلەرگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈردى. ساقچى تەرەپ يېڭىئاۋات كەنتىدە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەمدە ۋەقەدە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق قوراللىق باستۇرۇشنىڭ ۋاقتى بىلەن كونكرېت ئورنى توغرىلىق زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بەردى. ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغاچقا، بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنى بىرمۇ-بىر دەلىللەشكە ئىمكانىيەت بولمىدى.

خوتەندە 30 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرا ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغان

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا 300 مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاتالمىش «تېررورچىلار» غا قارشى ئاۋام ھەرىكىتى قوزغاش ۋە بۇ جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئورگانلارنى مۇكاپاتلاش قارارى چىقارغان.

1-ئاۋغۇست كۈنى يەرلىك دائىرىلەر قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بىرقانچە يېزىسىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىپ ھۇجۇمچىلارنى قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرغان. ھەرىكەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئورۇنلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. نەق مەيداندا 4 مىليون 230 مىڭ سوم مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆزلۈكىدىن قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان.

ھالبۇكى، رادىئويىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئېنىقلىشىغا قارىغاندا، قاراقاش خەلقى ئىككى ئايغىچە مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنى ئۆز قوينىدا ساقلىغانلىقى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن قورشاپ تۇتۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا «بىر پەرزەنتلىك پىلان تۇغۇت سىياسىتى» يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا خىتاينىڭ «ئەمەلىيەت» ناملىق پارتىيە ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا «بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» يۈزگۈزۈلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇغۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ۋە مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 28‏-ئىيۇل يەكەن ناھىيىسىدە قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ بېشارەتنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايلارغا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. خەلقئارا تاراتقۇلارمۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.

يەكەن قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلار ئاشكارا بولماقتا

يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن ئاشقاندا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بىر قىسىم شاھىتلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاشكارا قىلماقتا.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-ۋە 29-ئىيۇل كۈنلىرى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشى بىلەن بۇنىڭ تەسىرى قوشنا ناھىيەلەردە زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلغان. يەكەنگە قوشنا قاغىلىق ناھىيەسىدىمۇ 30-، 31-ئىيۇل كۈنلىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سان مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇپ، تۈرلۈك مەنبەلەر خىتاي ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن يەكەن يېزىلىرىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شاھىتلارنىڭ بايانلىرىمۇ توقۇنۇشتا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئوققا تۇتۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ 17 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى يېزا ياشلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلماقتا.

قارامايدىكى كىيىم-كېچەك ۋە ساقال-بۇرۇت چەكلىمىسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى قوزغىدى

قاراماي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 4‏-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 5 خىل كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشىنى مەنىي قىلغان.

بۇ 5 خىل كىشىلەر ساقال قويغان ياشلار، دىنىي تۈستىكى ھەر خىل كىيىم-كېچەك كىيگەن ئاياللار، ئاي-يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك، قىزىل ۋە باشقا رەڭلەردىكى مايكا كىيگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

قارىماي شەھەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13‏-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىغا ماسلىشىپ، مەزكۇر بەلگىلىمىنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر چەكلىمە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، غەربتىكى چوڭ-كىچىك تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىندى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر چەكلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.