شەنبە كۈنى 300 دەك كىشى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ بۇ يىللىق روزا ھېيتنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىكى خىتاي زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينى مەزكۇر ۋەقەلەردە قىرغىن قىلىنغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە چاقىردى.
نامايىشقا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات خادىملىرى، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈرك لەر قاتناشتى.
نامايىشچىلار ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى، خىتاي بايراقلىرىنى كۆيدۈردى ۋە خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانىلىق باستۇرۇشلارنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
28 – ئىيۇل يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىدىكى بىر نەچچە كەنتلەردە يۈز بەرگەن خىتايغا قارشى نامايىشلاردا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارا – قويۇق ئوققا تۇتۇلغانلىقى ۋە نەچچە ئوندىن نەچچە يۈزىگىچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
بىر قىسىم يەرلىكلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 120 ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار ئۆلگەنلەر ساننىىڭ 2 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ھالبۇكى، رادىئومىز بۇ سانلارنى ئۆز ئالدىغا تېخى دەلىللىيەلمىدى.
پروگراممىمىز داۋامىدا ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.
بۇ خىلدىكى نامايىشى يەنە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ. نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.