2014.07.29

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 29-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ چاقىرىقى تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە بېرىلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يەكەندە 28-ئىيۇل يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەگە قارىتا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئىيۇل كۈنى سەھەردە قەشقەر يەكەن ناھىيىسىدە، ئۇيغۇر پىدائىيلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۇ خەۋەر دەسلەپ ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە ۋەقەدە 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. چ چ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا توقۇنۇشتا خىتاي ساقچىلىرىدىن 7 كىشى، ھۇجۇمچىلاردىن 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 70 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەن يەكەن ئېلىشقۇ بازىرىدا ساقچىخانا پارتلىتىۋېتىلىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى ۋە يېزىدىكى 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كالتەك ۋە پىچاقلار ئارقىلىق ساقچىلارغا تاقابىل تۇرغانلىقى، ۋەقە تىنچىغاندىن كېيىن، يەكەن ناھىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي قامال قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار خەۋەر قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنخۇ’ ئاگېنتلىقى بولسا ۋەقە ھەققىدە 29-ئىيۇل قىسقا خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىدى.