
تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇقەددەس روزى ھېيتىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.
-در. سىنان ئوگان ئەپەندى، بۈگۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزى ھېيت، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇرلار روزى ئېيىنى قېيىن -قىستاق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ھېيت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن نېمە دېمەكچىسىز؟
-ئالدى بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن. ئەلۋەتتە بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى شۇنىڭغا ئىشەنسۇنكى، بۇ زۇلۇم ئاخىرلىشىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار روزى ھېيتىنى ھېيتقا ئوخشاش ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىبادەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى بىرئاز سەۋر قىلىشى كېرەك. بۇ قېيىن كۈنلەر چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن دىكتاتورىلىق تۈزۈملەر گۇمران بولدى. خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ چوقۇم گۇمران بولىدۇ. ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسى -مۇسۇلمان خەلققە رامىزاندا مەجبۇرىي سۇ ئىچكۈزگەن، چىراغ ياندۇردىمۇ دەپ كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم گۇمران بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى تىنچلىق تەلەپ قىلىدۇ، ئەقەللىي دىنىي ئىبادەتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دېموكراتىيەلىك تۈزۈمدە ئەركىن ياشاشنى خالايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارزۇلىغان بۇ دېموكراتىيە ئاخىرى بىر كۈن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىدۇ. مەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامىزان ئېيىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.
-ھۆرمەتلىك سىنان ئوگان ئەپەندى، تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرىلىشىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟
-ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن شۇنى دېيىش كېرەك، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەرنىڭ كۆزى ئەنقەرەدە. ئۇلارنىڭ كۆزى ئەنقەرەدىكى تۈركىيە پارلامېنتىدا. ئەگەر تۈركىيە پارلامېنتى بۇ ھەقتە بىر ئىش قىلمىسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى، كەركۈكتىكى، جەنۇبىي ئەزەربەيجاندىكى، گرىتسىيەنىڭ گۈمۈلجىنە رايونىدىكى جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئۈمىدسىزلىنىدۇ. شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز. مەن بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ زۇلۇم ئالدىدا ھەرگىز قاراپ تۇرمايمەن. پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمەن. مەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلى ئەپەندى ئېيتقاندەك، پارتىيەمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەممە يېرىدە دېموكراتىيە، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىقنى، ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بارچە كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. بۈگۈن كەركۈكتىكى تۈركمەنلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا. مەن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇلارنىڭ مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمەن. بىز ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمىز. ھەممە دۆلەت ۋە ئىنسانلار ئەگەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، ھەر خىل يوللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەپلا تۇرساق، خىتاينىڭ بۇ زۇلىمى چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ.
-در. سىنان ئوگان ئەپەندى، سىز تۈركىيە پارلامېنتىدا دائىم تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بېرىسىز. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
-توغرا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۇ دېگىنى توغرا. 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خۇداغا شۈكرى، بۈگۈن مۇستەقىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي سېيپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بار. ئەسلىدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىرلەشسە زور بىر كۈچ بولالايدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرسە ۋەزىيەت باشقىچە بولاتتى. بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئەركىن دۇنيامۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆرۈشى كېرەك. ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ ساندا تۈرك، ئۆزبېك، ئەزەربەيجانلىق، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ۋە ئۇيغۇر بار. ئەگەر بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغان بولسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى باشقىچە بولاتتى. ئەگەر بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە دىنىي ئىبادىتىنى بەجا كەلتۈرەلمەيۋاتقان بولسا، بۇ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەركىن دۇنيا ئۈچۈنمۇ بىر ئۇيات. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۈگۈن ئىنسانلىق تىراگېدىيەسىگە ئايلاندى. پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەك.
-در. سىنان ئوگان ئەپەندى، بۇ يىل رامىزان ئېيىدا تۈركىيەدە پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلدى. پۈتۈن مۇسۇلمانلار تەراۋى نامازلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى. بۇلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بولامدۇ؟
-دېيىشكە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە سىياسەت ئۈستى بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مەلۇم بىر پارتىيىنىڭ سىياسەت ۋاسىتىسى ئەمەس، تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي مەسىلىسى بولۇشى كېرەك. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئىدارە، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مىللىي مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ تېخىمۇ كۆپىيىشى كېرەك. رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيەگە كىرىش ۋىزىسى بەرمىگەنلىكى تۈركىيە ئۈچۈن نومۇس. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۈگۈن تۈركىيەدە ھەممە ئىنسان نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا دىنىي ئەركىنلىك بەرمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا بۇنچىۋالا زۇلۇم قىلىدۇ؟ تۈرك ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئىگە چىقمايدۇ؟ دەپ سوراشقا باشلىدى. بۇلارنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مىللىي مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بېشارىتى دېيىشكە بولىدۇ.