
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يېتەكچى رول ئويناشقا چاقىردى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 24- ئىيۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيە ۋە تېررورلۇق تېمىسىدىكى ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
رابىيە خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە ئامېرىكا تەرەپنى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان ئادالەتسىز سوتلارنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىرغان.
رابىيە خانىم ئۇچرىشىشتا دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنى بۇ مەسىلىدە يېتەكچىلىك قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە سوتلانغانلىقى مەلۇم
ئىگىلىشىمىزچە، «ئانا تىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەت سىدىق ۋە دىليار ئوبۇل قاتارلىق ئۈچەيلەن 11-ئىيۇل ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان.
ئۇلارغا «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان بولسىمۇ، ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سوت جەريانىدا ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش ياكى كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە دېيىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن.
ھالبۇكى، بۇ قېتىملىق سوتتا ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ئۈچەيلەنگە ئاخىرقى جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنمىغان، بەلكى ھۆكۈمنىڭ 15 كۈن ئىچىدە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلار ئۆتكەن يىلى 20-ئاۋغۇست تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. شۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەمدە مەزكۇر دېلونىڭ ئىشلىنىش جەريانى جامائەتتىن سىر تۇتۇلغان.
كەلپىندە مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە چىدىماي نامايىش قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يېپىق سوت ئېچىلغان
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
يېپىق سوت ئېچىلغان مەزكۇر ئۇيغۇرلار بۇ يىل ئاپرېل كەلپىن ناھىيە بازىرىدا قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئېتىۋېتىلگەن ئابدۇلباسىتنىڭ ناھەق ئۆلۈمىگە چىدىماي نامايىشقا چىققان كىشىلەردىن ئىكەن.
مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى ئامىنەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېپىق سوت ئېچىلغان 17 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىككىسىگە 7 يىللىق، ئىككىسىگە 6 يىللىق، ئۈچىگە 4 يىللىق، تۆتەيلەنگە 3 يىللىق، قالغانلارغا 6 ئايدىن 2 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن.
سوتلانغۇچىلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ ئۆزلىرىنى ئاقلىشىغا پۇرسەت بېرىلمىگەن.
ئەينى چاغدا بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان ئابدۇلباسىتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرت جامائىتى مېيىتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. دائىرىلەر ۋەقەنى دەل ۋاقتىدا ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلماي، ئەكسىچە نامايىشچىلارنى باستۇرغان ۋە كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلغان ئىدى.
تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان سېكرېتار ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى، ئايالى ئۆلتۈرۈلدى
خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى تەراۋىھدا ئادەم تۇتقان بىر كەنت سېكرېتار ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان، ئايالى ئۆلتۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزا ئاياق پۇرچاقچى كەنتىنىڭ سېكرېتارى رەجەپ ئىسلام، مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى تەراۋىھ نامىزى ۋاقتىدا مەسچىتكە ئۈسۈپ كىرىپ قارا تىزىملىكتىكى 6 نەپەر گۇماندارنى باشلاپ ئاچىقىپ، مەسچىتنى قورشاۋ ئالغان ساقچى ۋە ئەسكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
شۇ قېتىملىق تەراۋىھدىن 4 سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندە رەجەپ ئىسلام ئائىلىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
نامەلۇم 5 ئادەم رەجەپ ئىسلامنىڭ قورۇسىغا بېسىپ كىرىپ ئاۋۋال زەينەپخانغا، ئارقىدىن رەجەپ ئىسلامغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا زەينەپخان نەق مەيداندا ئۆلگەن.
نۆۋەتتە دائىرىلەر بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق 5 گۇماندارنى تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن، رەجەپ ئىسلام جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىنغان.
ميۇنخېن سەھنىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى
20-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئەت كۆرىكىدە ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرى ئورۇنلىغان نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
كۆرەكنى ميۇنخېن شەھەرلىك چەتئەللىكلەر مەجلىسى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇيغۇر ھەۋەسكارلىرى ئورۇنلانغان ئۇيغۇر ئۇسۇللىرى، مەشرەپ ۋە ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئاساس قىلغان نومۇرلار پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدە ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەتقىقات ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن نۇرنىسا خانىم تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاراماي شەھىرىدە ئۆيى چىقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى
قاراماي شەھىرىدە ئۆيى چېقىلىپ كوچىدا قالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى كوچىدىنمۇ قوغلاشقا كەلگەن خىتاي خادىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلمىغان.
دائىرىلەر 17-ئىيۇل قاراماي شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە يۇرت شەكىللەندۈرۈپ تېرىچىلىك قىلىۋاتقان 10 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەنىدى. نەتىجىدە 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر رامزان ئايلىرىدا بارىدىغان يېرى يوق كوچىدا قالغان ۋە كەلگەن يۇرتىغا كېتىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.
18-چېسلا ئەتىگەندە قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ساقچى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشلاپ، ئۆيى چېقىلىپ كوچىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان.
ئەمما ئۇيغۇرلاردىن ئاياللار، بالىلار سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن قارشىلاشقان. بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە خىتاي ساقچىلىرى كەينىگە چېكىنگەن ۋە نەق مەيداندا تۇتقىن قىلىشقا ئامالسىز قالغان.